تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازولاي بىلەن كۆرۈشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازولاي بىلەن كۆرۈشتى.

   شى جىنپىڭ باش ئىش بېجىرگۈچى ئازولاينىڭ جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بارغانسېرى چەمبەرچاس باغلانماقتا. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو يېڭى دەۋرگە كىردى، بىز بىر تەرەپتىن، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيلىك ساپايىمىزنى ئۆستۈرسەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ‹‹دۇنيانىڭ بۈيۈك ئىناقلىقى››، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، بىللە ياشاپ ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى تەشەببۇس قىلدۇق. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ھەم ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەم ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو دۇنيانىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبىتى ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەقلىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم راۋاجلانماقتا، بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئويناۋاتقان مۇھىم رولىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشىنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىنى خالايدۇ.

   ئازولاي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا يەككىچىلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك باش كۆتۈرمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشى، كۆپ تەرەپلىمىلىك، سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، بۇ دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەرىپلەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن كۆزقاراش جەھەتتە يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

   ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.