شۆھرەت زاكىر قەشقەر شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 7–ئاينىڭ 14–كۈنىدىن 16–كۈنىگىچە قەشقەر شەھىرى، ئاقچى ناھىيەسى ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ›› غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئايدىڭلاشتۇرغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
شۆھرەت زاكىر قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدا كەسىپ يىرىك پىلانى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈپ، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. شۆھرەت زاكىر كارخانىلارنى ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى ئۆز جايىدا كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ قاراشنى ئۆزگەرتىشىگە، بازار ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى توپلىشىغا، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
‹‹ياخشىمۇسىز بوۋا!›› شۆھرەت زاكىر ئاقچى ناھىيەلىك 3–يەسلىنىڭ سىنىپىغا كىرگەندە، كىچىك دوستلار بىرلىكتە ئۇنىڭغا سالام قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇلايىملىق بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەم ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىشكە، خۇشال–خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى. شۆھرەت زاكىر بۇ يەسلىنىڭ باشلىقى، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى گۈلزىننەت تۆكەنگە دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنى ئۆگىنىشنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشنى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەن غۇنچىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ چىقىرىشنى تاپىلىدى.
ئاقچى ناھىيەسىنىڭ سومتاش يېزىسى كۆكچوقۇر ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت كەنتىدە، شۆھرەت زاكىر دېھقان–چارۋىچىلاردىن ئۆرپ–ئادەت، مەدەنىيەت كەنتىگە تايىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىغا خاس ‹‹بىپايان زېمىن، چەكسىز مەنزىرە، شىنجاڭ ياخشى جاي›› ساياھەت ماركىسىنى ياخشى يارىتىش كېرەك. كەنتتىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، شۆھرەت زاكىر يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە، تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن–كۈنگە ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
بۇ يىل 4–ئايدا، ‹‹10 مىڭ مو يەردە 100 مىليون يۈەن قىممەت يارىتىش›› قۇرۇلۇشى بويىچە قارا مورنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. شۆھرەت زاكىر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىگە بېرىپ، بۇ كەنتنىڭ تېرىقچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردىكى 1– ، 2– ۋە 3–كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ‹‹بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر نامرات ئائىلىنى يۆلەش، بىر كەنتكە تۈرتكە بولۇش، بىر جاينى مۇقىم قىلىش››تەك ياخشى ئۈنۈم ياراتقىلى، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل يېزا – كەنت ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، شۆھرەت زاكىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق ئاممىۋى خىزمەتلەرنى داۋاملىق چوڭقۇر ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاۋ چۇڭجيۇ، دۇ ۋەنگۈي ئايرىم–ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.