شۇ چاغدا، ئىلتىماس قىلغۇچىلار موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تىزىملاتقان ئورۇندىن باشقا ئۆلكىلەردە بىۋاستە تەكشۈرتۈپ، تەكشۈرتۈشتە لاياقەتلىك بولۇش بەلگىسىنى ئېلىۋالسا، ھاۋالە قىلىپ تەكشۈرتۈش رەسمىيىتى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا باشقا جاينىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ۋە خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى مەملىكەت بويىچە «بىر تۇتاش تەكشۈرتۈش» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بۇ تۈردىكى ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرتۈشنى ھاۋالە قىلىش ماتېرىيالىنى تەمىنلەش ئارقىلىق باشقا جايدا تەكشۈرتۈشكە بولىدۇ.
ئالتە يىل ئىچىدە تەكشۈرتۈشى كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ، مەجبۇرىي سۇغۇرتا تاپشۇرغاندىن كېيىن، تەكشۈرتۈشنى كەچۈرۈم قىلىش بەلگىسىنى بىۋاسىتە ئېلىۋالسا، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بارمىسىمۇ، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئىزاھلىمىسىمۇ بولىدۇ. توردا ئىلتىماس قىلسا، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پراۋىسىنى باشقا جايدا ئىلتىماس قىلىش، ئېلىش شەرتى بوشايتىلىپ، شۇ ئۆلكە (رايون) دىكى ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىكى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئۆلكە (رايون) ئاتلاپ باشقا جايدا ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكە (رايون) دىكى ۋىلايەت، شەھەردە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ.