تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نيېرېر رەھبەرلىك ئىقتىدارى شۆيۈەنىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 16–كۈنى تېلېگراممىسى. 7–ئاينىڭ 16–كۈنى نيېرېر رەھبەرلىك ئىقتىدارى شۆيۈەنىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى تانزانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تانزانىيە ئىنقىلاب پارتىيەسى، جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى، موزامبىك ئازادلىق فىرونتى پارتىيەسى، ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى، نامىبىيە غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا خەلق تەشكىلاتى پارتىيەسى، زىمبابۋې ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاقى  ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپىدىن ئىبارەت ئالتە قېرىنداش پارتىيە بىرلىشىپ قۇرغان نيېرېر رەھبەرلىك ئىقتىدارى شۆيۈەنىگە ئۇل سېلىش پەيتىدە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسىي نامىمدىن بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئالتە قېرىنداش پارتىيە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مۇھىم كۈچ. ئالتە قېرىنداش پارتىيەنىڭ بىرلىشىپ نيېرېر رەھبەرلىك ئىقتىدارى شۆيۈەنىنى قۇرۇشى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇ شۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش مۇساپىسىدە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇزاقتىن بۇيان ئالتە قېرىنداش پارتىيە بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئالتە قېرىنداش پارتىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ئىشقا بىرلىكتە پائال تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.