تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدىغان ناچار ئادەتلەر

    ئاچ قورساق يۈرۈش
    ئادەم گاھىدا كۆپ تاماق يەپ گاھىدا ئاچ قورساق يۈرسە بەدەندە يېمەكلىك ساقلايدىغان ئادەت يېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى دائىم ئاچ قالىدىغان ئادەم كۆپ يېمەكلىككە ئېرىشكەندە ھەممىنى يەۋەتمەي يەنە كېلەر قېتىم يېگۈدەك زاپاس يېمەكلىك ساقلاپ قويغانغا ئوخشايدۇ.

    چىراغ يېقىپ ئۇخلاش
    كەچتە چىراغ يېقىپ ئۇخلىغاندا چىراغ نۇرى ھەر قانچە ئاجىز بولسىمۇ ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى توختىماستىن ئاشۇرىدۇ. توك ئارقىلىق يورۇتۇش بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، كۆپلىگەن كىشىلەردە كەچتە ئاساسلىق تاماق يەيدىغان ئادەت شەكىللەندى، مۇتەخەسسىسلەرمۇ، كەچلىك تاماقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا قايسى ۋاقىتتا، قانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

    چوڭ-كىچىك تەرەتنى قىسىۋېلىش
    خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك دائىم ھاجەتخانىغا ۋاقتىدا بارمامسىز؟ ئەگەر دائىم چوڭ-كىچىك تەرەتنى قىسىۋالغاندا، بەدەندىكى زەھەر 5~10 ھەسسە ئېشىپ، ئاشقازان، ئۈچەي، بۆرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بەل، قورساق، پاچاق سېمىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ دەل ئۇزاق ئولتۇرۇپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى قىسىۋالغانلىقنىڭ سەۋەبى، بۇنداق بولغاندا كۆپ مىقداردىكى زەھەر ۋە ماي بۇ بىر قانچە ئورۇنغا يىغىلىپ قالىدۇ.

    ھاۋا تەڭشىگۈچنى كۆپ ئىشلىتىش
    ھاۋا تەڭشىگۈچنى دائىم ئىشلەتكەندە مۇھىت ئۇزۇنغىچە تۇراقلىق تېمپېراتۇرىنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ئىسسىقلىق تەڭشەلمەيدۇ. ئەگەر تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولسا بەدەن ئۆزلۈكىدىن ماينى خورىتىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاپ قالىدۇ؛ ئەگەر تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۆۋەنلەيدۇ. دائىم ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتكەندە بەدەننىڭ ئىسسىقلىقنى تەڭشەش مېخانىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ.

    تېز تاماق يېيىش
    ئادەم قورساقنىڭ تويغان-تويمىغانلىقىنى ئۈچەي ياكى ئاشقازان ئارقىلىق بىلمەستىن بەلكى چوڭ مېڭە تارقاتقان سىگنال ئارقىلىق بىلىدۇ. ئەپسۇس، چوڭ مېڭە بىلەن بەدەننىڭ ئالاقىسىگە 20 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئادەم يېمەكلىك يەپ 20 مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن تويغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئادم قانچە تېز تاماق يېسە، شۇنچە كۆپ تاماق يەۋالىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكنى ئاستا چايناپ يېگەندە بەك كۆپ تاماق يەۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    يېتەرلىك سۇ ئىچمەسلىك
    ھۈجەيرىلەردىكى ماددا ئالماشتۇرۇشتا سۇ ئارقىلىق ماي خورىتىلىدۇ. شۇڭا، يېتەرلىك سۇ تولۇقلىمىغاندا ماي خورىماي ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ. نورمال شارائىتتا، ھەر بىر ئادەم كۈنىگە ئاز دېگەندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئورۇقلاش قانچىلىك يېمەكلىك يېگىنىڭىزدە ئەمەس، بەلكى قانداق يېگىنىڭىزگە باغلىق. ئەگەر ياخشى غىزا ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىز، تاماق يېمەي يۈرۈشىڭىز ياكى ئورۇقلاش دورىسى ئىچىشىڭىز ھاجەتسىز.

    ئېشىپ قالغان تاماقلارنى يېيىش
    زىلۋا بەدەنلىك خانىم-قىزلار تاماق مىقدارىنى قانداق كونترول قىلىشنى ئوبدان بىلىدۇ ھەم تاماق ئۈستىلىدە كۆپ يېمەكلىك ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، ھەرگىز داۋاملىق يېمەيدۇ. چۈنكى ئادەم %60، %70 تويغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۈچەي، ئاشقازان %90، %100 تويغان بولىدۇ. چوڭ مېڭە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قورساق تويغانلىق سىگنالىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

    ئۇزۇن ئولتۇرۇش
    زىلۋا بەدىنىنى ساقلاشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلار ھەرگىز ئۇرۇن ئولتۇرمايدۇ. ئولتۇرۇش داۋامىدا چوقۇم پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ. مەسىلەن، چاي ئالغىلى چىقىدۇ، ئىشخانا ئىچىدە پات-پات مېڭىپ بېرىدۇ ياكى ھاجەتخانىغا چىقىپ تۇرىدۇ. گەرچە بۇ كىچىك ھەرىكەتلەر ھېچقانچە ئىسسىقلىقنى خورىتالمىسىمۇ، ئەمما مۇسكۇل-سۆڭەكلەرنى ھەرىكەتكەندۈرۈپ، جىڭلو (جۇڭگو تېبابىتىدە ئادەم بەدىنىدىكى يەل، قاننىڭ يۈرۈشۈش يولىنىڭ غولى ۋە تارماقلىرىنى كۆرسىتىدۇ) لارنى ئاچىدۇ. قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش ئورۇقلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇزۇن ۋاقىت بىر ھالەتنى ساقلىغاندا قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بەدەن ئىششىپ، ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ.

    ناشتا قىلماسلىق
    سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى: ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ناشتا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. ناشتا قىلمىغاندا ئورۇقلىيالمايلا قالماي ئەكسىچە سەمرىپ كېتىسىز.
    ناشتا ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى. ئادەم ئالدىنقى كۈنى كەچتىن سەھەرگىچە تەخمىنەن 12 سائەت تاماق يېمەيدىغان بولغاچقا، بەدەن مول ناشتىلىققا موھتاج بولىدۇ. شۇڭا سەھەردە مول غىزالىنىش ئارقىلىق بەدەنگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى