شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا سۇپا ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان كەسىپلەر باغچىسى — شىنجاڭ مىچۈەن-كۆكتاغ جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو ئىگىلىك تىكلەش كەسىپلەر باغچە رايونىغا 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇل سېلىندى.
شىنجاڭدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ خەيخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەسىپلەر باغچە رايونى يەنە جېجياڭ داشۆسى، ۋېنجوۋ داشۆسى، نىڭبو داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلىرىنى پەن تەتقىقات تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ تېخنىكا تەركىبىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ساۋ خەيخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدا ھازىر جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق ئەزا كارخا بولۇپ، شىنجاڭدىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەر 250 مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئۇلارنىڭ تىجارەت دائىرىسى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، پارچە سېتىش، ئۆي-مۈلۈك، ساياھەت، مېھمانساراي قاتارلىقلارنى قاپلايدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگەن.