ئۆز خەۋىرىمىز: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى چىڭخەي خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 14-كۈنى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۆجەي بازىرىدىكى قىزىل دەريا جىلغىسى باشقىچە گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى.
تىيانشان قىزىل جىلغىسىغا كىرىش ئېغىزىدىكى يار لېۋىدە يىراقتىكى تىيانشان تېغىنى، تەبىئىي قىزىل توپىلىق بەلباغنى، دەرەخ سايىلىرىنى، گىرەلىشىپ كەتكەن «دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى» لىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. پايانسىز قاقاسلىق بىلەن يار ئاستىدىكى گۈزەل مەنزىرە كىشى قەلبىدە روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. قىزىل رەڭلىك تاغ جىنىسلىرى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل رەڭلىك لېنتىغا ئوخشاش جۇلالىنىپ، دەريا ۋادىسىدىكى تىمتاس كەنتنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.