تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بويۇن ئومۇرتقىڭىز ئاغرىمدۇ؟

    خەلق تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىش بىلەن بىرگە، بارغانسېرى ياشلار توپىغا يۈزلىنىشكە باشلىدى. ئەتراپىمىزدىمۇ بەزى دوستلىرىمىز بۇ كېسەللىككە قايسى ۋاقىتتا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيلا قېلىۋاتىدۇ، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىزمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، نۇرغۇن ياشلىرىمىزنى غەمگە سېلىۋاتقان بۇ كېسەل زادى نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ؟

    پايتەخت سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خەي يوڭ «خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرى» تېرمىنالىدىكى بىۋاستە كۆرسىتىشىدە، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك چارچاش ۋە زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھەر خىل بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۈكى زىيادە ئارتىپ، كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ، ئارقا-ئارقىدىن زەخمىلەنگەنلىكتىن، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، دېدى.

     ئۇنداقتا، نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ قانداق سەۋەب ئۇلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۈكىنى نورمىدىن ئاشۇرىۋەتكەن؟

    1. ئولتۇرۇش قىياپىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى

    يان تەرەپتىن كۆزەتكەندە، ئادەمنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى ئالدىنقى يايسىمان ئەگمە شەكىلدە بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز خىزمەت داۋامىدا ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىل بېشىنى تۆۋەن سېلىپ خىزمەت قىلغاچقا، بۇنىڭ بىلەن بويۇن ئومۇرۇتقىسى ئارقا يايسىمان ئەگمە شەكىلگە كېلىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئەتراپىدىكى پەي ۋە مۇسكۇللار جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ كېسەللىككە ئايلىنىدۇ.

    2.بويۇن قىسمىغا سوغۇق تېگىپ قىلىش.

    نۆۋەتتە ھاۋا تەڭشىگۈچ، توكلۇق شامالدۇرغۇچ قاتارلىقلار تومۇز ئىسسىقتا ھەر بىر ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان سالقىنداش قورالى بولۇپ قالدى، ئەمما ھاۋا تەڭشىگۈچ، توكلۇق شامالدۇرغۇچ قاتارلىقلار بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. بويۇن قىسمىدىكى مۇسكۇللار ۋە ئورگانىزملار سوغۇقتا ئاسانلا تارتىشىۋالىدىغان بولۇپ، يازدا كىشىلەر ئىسسىقتىن قېچىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى توكلۇق شامالدۇرغۇچنى ئىزچىل ئىشلەتكەندە، ئۇلاردىن چىققان سوغۇق شامال بويۇن قىسىمنى ئۇزاق ۋاقىت غىدىقلاپ، ئاخىرىدا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

    3.كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى.

    ھازىرقى كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ھازىر كىشىلەر ھەر كۈنى ئىشقا بارغان ياكى ئىشتىن چۈشكەندە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلى ياكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدۇ، بولۇپمۇ سەھەردە بالدۇر تۇرۇپ ئىشقا ماڭىدىغان ياشلىرىمىز، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا ئازراق ۋاقىت بولسىمۇ كۆزىنى يۇمۇۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇنداق چاغلاردا تۇيۇقسىز جىددىي تورمۇز قىلىنسا، بويۇن قىسىمدىكى پەي، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى قاتارلىقلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، يانفون ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر بولغان بۇيۇملارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ پاراڭلىشىش، ۋېدىيو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ھەر خىل ئىقتىدارى بار، نۇرغۇن كىشىلەر كۆپ ۋاقتىنى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفونىغا قاراشقا سەرپ قىلىدۇ، بۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ئۈچۈن ئەجەللىك زەخمە ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى