تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

چىڭخۇا داشۆسى توكيو داشۆسىنى بېسىپ چۈشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيەدىكى ھەر قايسى داشۆلەرنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇۋېتىپتۇ. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 209 داشۆنى ئوبيېكت قىلىپ تاللاپ ھەر قايسىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھېسابلىغان، ئىلمىي ماقالە «ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى» جەھەتتە جۇڭگودىكى چىڭخۇا داشۆسى توكيو داشۆسىنى بېسىپ چۈشكەن. ياپونىيەدىكى داشۆلەر بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق داشۆلەرنىڭ پەرقىدە كىچىكلەش كۆرۈلمىگەن. ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات ساھەسىدە، ياپونىيەنىڭ چەتئەلدىكى ئالاقە تورى بارغانسېرى كىچىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقى تېخىمۇ ئۈنۈمسىز بولغان.

   «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»، گوللاندىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى ئىلمىي نەشىر ئاپپاراتى ئاسىۋېئىر ياپونىيە تەبىئىي پەنلەر تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى كوئىزۇمۇ ۋېك بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياپونىيەدىكى 97 داشۆ ھەمدە باشقا 21 دۆلەت ۋە رايوندىكى 112 داڭلىق داشۆنىڭ «داشۆلەر ئارا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى» نى ھېسابلاپ چىققان.

   خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىلمىي ماقالە سانى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن باشقا، يەنە ئىشلىتىلىش سانى كۆپ بولغان ماقالىلەرنى نىسبەتلەشتۈرۈش بىلەن ھەربىر تەتقىقاتچىنىڭ مۇھىم ماقالە سانى (ماقالە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى) سېلىشتۇرۇلغان.

   توكيو داشۆسىنىڭ سانلىق قىممىتىدىن ياپونىيەنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 2012 يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، توكيو داشۆسىنىڭ ئىلمىي ماقالە سانى 10 يىل بۇرۇنقى 2002-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەم ئېشىپ، ئامېرىكا خارۋاد داشۆسى بىلەن ستانفورد داشۆسى قاتارلىقلارنىڭ كەينىگە تىزىلىپ ئالدىنقى 10 داشۆنىڭ ئىچىگە كىرگەن. لېكىن 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە توكيو داشۆسىنىڭ ئىلمىي ماقالە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى 94-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

   خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش جۇڭگودىكى چىڭخۇا داشۆسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بولغان. 2002-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە، توكيو داشۆسى بارلىق كۆرسەتكۈچتە ئەۋزەللىكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئەكسىچە ھالقىغان. رىقابەت ئەندىزىسىدە دراماتىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى