تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

يازلىق تەتىلدە بالىلارنى تۆت خىل زەخمىلىنىشتىن ساقلاش كېرەك

ماتېرىيال سۈرەت

    ياز پەسلى كىرىشى بىلەن بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمى بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئۈچ بالىنى قۇتقۇزغان، بۇ بالىلار توك ئىسرىق (پاشىغا قارشى) سۇيۇقلۇقى، ئىسپرت قاتارلىقلاردىن زەھەرلىنىپ قالغان. ئىككى ياشلىق ۋېنۋېن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ قان بېسىمى دورىسىنى خاتا يەۋېلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە كىرىپ قالغان، ئەمما بالىنىڭ قانچىلىك دورا يەۋالغانلىقىنى ئاتا-ئانىلارمۇ بىلەلمىگەن، بەختكە يارىشا بىرقاتار قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن، ۋېنۋېن خەتەردىن قۇتۇلغان.

  ھازىر كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەت 0-14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى بىرىنچى سەۋەب ئىكەن، بۇ سەۋەبلىك يەنە كۆپ قىسىم بالىلار مېيىپ كىشىگە ئايلىنىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراش، زەھەرلىنىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر ئىكەن. بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ قىزىقىشى كۈچلۈك، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى تۆۋەن، شۇڭا ئاسانلا كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايدۇ. چەت ئەلنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-4 ياشقىچە بولغان بالىلار ئائىلىدىكى تاسادىپىيلىق ۋە ئىستىراھەت جەريانىدىكى تاسادىپىلىق ھەمدە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ئەڭ كۆپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن، 5-14 ياشقىچە بولغان بالىلار قاتناش تاسادىپىلىقى سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  بالىلاردىكى كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەتنىڭ قارىماققا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن، كۆپ قىسىمىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاكتىپ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھادىسىلەرنىڭ «كۈتۈلمىگەن» قىسىمى تۇرمۇشتا دىققەت قىلىنمىغان، نەزەرگە ئېلىنمىغان، ئېھتىياتسىزلىقتىن، ئەتراپلىق ئويلىشىلمىغانلىقتىن بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاشقا دائىر چارە-تەدبىرلەردىن سىرت، ئائىلە بالىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پائالىيەت سورۇنى بولغاچقا، كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلارنى كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەتتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بالىلارنى كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەتتىن ساقلىغىلى بولىدۇ؟

  بىرىنچى، بالىلارنى زەھەرلىنىشتىن يىراق قىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا زەھەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم ۋە دورىلارنى ھەممە يەردە ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، مەسىلەن: ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان تازىلاش سۇيۇقلۇقى، ئاياغ سۈرتكۈچ، دورا ۋە قوغۇشۇندىن ياسالغان بۇيۇملار قاتارلىقلارنى خاتا ئىستېمال قىلغاندا زەھەرلەپ قويىدۇ. نورمال دورا يېگەندىمۇ مىقدارى ئارتىپ كەتسە ئوخشاشلا زەھەرلەپ قويىدۇ. ئاتا-ئانىلار دورىلارنى ئاسان ئېچىلىپ كەتمەيدىغان بىخەتەر قۇتىلاردا ساقلىشى، ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دورىسىنى ياخشىسى بالىنىڭ ئالدىدا ئىچمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالىلار دوراپ ئىچىۋالىدۇ. بالىغا دورا ئىچكۈزگەندە ھەرگىز دورىنى تاتلىق دەپ ئىچكۈزمەسلىك كېرەك، بولمىسا بالىدا ئۇقۇم جەھەتتىن ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بالىغا ھەرۋاقىت بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، قايسى نەرسىلەرنى يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئىككىنچى، بالىلارنى غەلىتە ۋە بوغۇپ قويىدىغان نەرسىلەردىن يىراق قىلىش كېرەك. گازىر، ئانار، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ئاسانلا كانايدا تۇرۇپ قالىدىغان يېمەكلىكلەردۇر، مىخ، ئىلغۇچ، تەڭگە، تۈگمە قاتارلىق ئۇششاق نەرسىلەر بالىلارنى بوغۇپ قويىدىغان ئاساسلىق نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ. بالا تاماقنى تىنچ، گەپ قىلماي، كۈلمەي، سەكرىمەي يېيىشى، تاماق يېگەندە بەدىنىنى تىك تۇتۇپ، تۈز ئولتۇرۇپ، مۇقىم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يېيىشى كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ چايناش، يۇتۇش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار يېمەكلىكنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشى ياكى ۋاقتىنچە يېگۈزمەسلىكى كېرەك. دائىم ئۆيدىكى گىلەملەرنى پاكىز تازىلاپ، بالا ئۇچرىشىدىغان ئۇششاق نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بىخەتەرلىك ئېڭى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بالىلارنى ئوتتا ۋە قايناقسۇدا كۆيۈپ قىلىشتىن ساقلاش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئاغزى ھىم ئېتىلگەن، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئىستاكانلاردا قايناقسۇ ئىچىش، چايدان ياكى چەينەكلەرنى ئۈستەل يېنىغا قويۇشتىن ساقلىنىش، تاماق ئۈستىلى سېلىنچىسىنى داستىخان ئورنىدا ئىشلىتىش، بالىنىڭ داستىخاننى تارتىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بالىنىڭ سۇ قايناتقۇچ، ئوچاق، توك دەزمالنىڭ يېنىغا كېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

  تۆتىنچى، بالىلارنى سۇدا تۇنجۇقۇپ قىلىشتىن ساقلاش كېرەك. بالا يۇيۇنغاندا مەخسۇس بىر ئادەم قارىشى كېرەك، ئۇلارنى ۋاننا، تەرەت قاچىسى، كىرئالغۇ، ئىدىش قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا يالغۇز يېقىنلاشتۇرماسلىق، بۇلارنىڭ ئاغزىنى ھەرۋاقىت يېپىۋېتىش كېرەك. دېرىزە ئېتىك ياكى مۇھاپىزەت قاشاسى بولسىمۇ بالىلارنى ئېگىز ئۈستەل ئۈستىگە چىقارماسلىق، پەلەمپەي ئېگىزلىكى بىلەن كەڭلىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىش كېرەك، تازىلىق ئۆيىگە تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خىش يېيىتىش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئەلۋەتتە، ئاتا- ئانىلارمۇ «قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ» دەپ، بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زىيادە چەكلىمەسلىكى كېرەك، بالىلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ۋە ئىزدىنىش ئىستىكى بولىدۇ. كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ مۇھىمى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشتۇر، ئاتا-ئانىلار بىر قەدەمنى كۆپرەك ئويلاپ باسقاندا، بالىلار كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەتتىن بىر قەدەم يىراقلىشىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى