7-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىر ئوقۇرمەن كىتاب ئوقۇش بايرىمىدا كىتاب ئوقۇماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يازلىق تەتىللىك كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى بولغان «كىتابىمنى ئېلىپ يولغا چىقتىم» تېمىلىق كىتاب ئوقۇش بايرىمى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت قورامىغا يەتكەنلەر مەخسۇس مەيدانى ۋە ئاتا-ئانا-بالىلار مەخسۇس مەيدانىغا ئايرىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى «كىتابىمنى ئېلىپ يولغا چىقتىم» تېمىلىق كىتاب ئوقۇش بايرىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، يەنە جېڭجوۋ، ۋۇخەندىمۇ كۆرگەزمە، ھېكايە ئېيتىش يىغىنى، خىزمەتخانا، لېكسىيەدىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.