تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چىش پاستىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپ

    تۇرمۇش بىر چوڭ ئىلىم، پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش تۇرمۇشتا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، چىش پاستىسى. چىش پاستىسىنىڭ چىشنى تازىلاشقا ئىشلىتىشتىن سىرت، يەنە نۇرغۇن ئىشلىتىش قىممىتى بار. ئۇنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىنى قانچە كۆپ بىلسىڭىز، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرالايسىز، ئاۋارىچىلىقلارنى ھەل قىلالايسىز.
    پۇتتىكى پۇراقنى يوقىتىش
    ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، پۇتنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ چىش پاستىسىنى پۇتقا سۈرۈپ يىنىك ئۇۋۇلاپ بەرسە، پۇتتىكى غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.

    قولدىكى بېلىق پۇرىقىنى يوقىتىش
    قولغا ئازراق چىش پاستىسىنى چىقىرىپ، ئىككى قولنى بىر-بىرىگە يىنىك سۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن يۇيۇۋەتكەندە، قولدىكى بېلىق پۇرىقى يوقايدۇ.

    ماي دېغىنى يوقىتىش
    ئوچاقتىكى ماي دېغىنى پاكىز چىقىرىش تەس بولسىمۇ، ئەمما چىش پاستىسىنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ.

    بىرىنچى قەدەم: قاچىغا ئازراق پىۋا قۇيۇپ، ئۇنىڭغا چىش پاستىسى ئارىلاشتۇرىمىز.

    ئىككىنچى قەدەم: پىۋا بىلەن چىش پاستىسىنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

    ئۈچىنچى قەدەم: ئارىلاشتۇرىۋالغان سۇيۇقلۇقنى پۈركۈگۈچكە قاچىلاپ، ماي دېغى بار ئورۇنغا چېچىپ، لاتا بىلەن سۈرتۈۋەتكەندە ماي دېغى پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.
    داغ چىقىرىش
   كولا تەركىبىدە كاربون (IV) ئوكسىد بار بولۇپ، كىرلارنى كالتسىي گىدرو كاربوناتقا ئايلاندۇرالايدۇ ھەم سۇدا ئېرىتەلەيدۇ. يەنە كېلىپ چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدە كۈچلۈك سۈركىگۈچ (摩擦剂) بار بولغاچقا، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە كىرلارنى تېخىمۇ پاكىز چىقىرىدۇ.

    بىرىنچى قەدەم: پۈركۈگۈچكە كولا قۇيىمىز.

    ئىككىنچى قەدەم: كولاغا ئازراق چىش پاستىسى سىقىپ چىقىرىمىز.

    ئۈچىنچى قەدەم : پۈركۈگۈچنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئېتىۋەتكەندىن كېيىن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

    داغ بار ئورۇنغا چېچىپ لاتا بىلەن سۈرتىۋەتسەك، داغلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.
    ئاياغ تازىلاش
    تەنھەرىكەت ئايىغىنى ئۇزۇن مەزگىل كىيگەندە، ئاياغ ئاسانلا سارغىيىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا چىش پاستىسىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش كېرەك.

    بىرىنچى قەدەم: ئاق ئاياغقا ئازراق چىش پاستىسى چىقىرىمىز.

    ئىككىنچى قەدەم:چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلاپ، قەغەز بىلەن سۈرتىۋەتكەندە ئاياغ ئەسلىدىكى يېڭى ھالىتىگە كېلىدۇ.
    ئەينەك سۈرتۈش
    ئەينەك مەينەت بولۇپ كەتكەندە، تازىلاش سۇيۇقلۇقى بەكلا لازىم بولىدۇ.

    بىرىنچى قەدەم: پۈركۈگۈچكە ئاز مىقداردا چىش پاستىسى سىقىپ چىقىرىمىز.

    ئىككىنچى قەدەم: قۇتىنىڭ ئېغىزىغا تۆت قېتىم ئاق ئاچچىقسۇ قويۇپ پۈركۈگۈچكە تۆكىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ بىر ھەسسىسىچىلىك سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرىمىز.

    تەييار بولغان سۇيۇقلۇقنى ئەينەككە پۈركۈپ، لاتا بىلەن سۈرتكەندە دېرىزىدىكى داغلار پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى