شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتىدە، ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ھەم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋرايىنىڭ ھەممىسى كۆرۈلدى.
مۇشۇ ھەپتە، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 18-كۈنى كۈندۈزگىچە يېغىش ئېھتىمالى بولغان ئازراق يامغۇردىن سىرت، باشقا كۈنلەردە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى يەتتە كۈندە ℃35تىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋە 17-كۈنى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21 ئەتراپىدا بولىدىكەن. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 18-كۈنى كۈندۈزگىچە ئازراق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەنسەن تاغ تاغلىق رايونىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. يامغۇر توختىغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، مۇشۇ ھەپتىدە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇپ، ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونى ۋە ئىككى يېنىدىكى قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، كۈچلۈك ھۆل يېغىندىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان كەلكۈن، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىش ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش زۆرۈر.