كۆڭلەككە ئاياغنى ياخشى ماسلاشتۇرمىغاندا، پۈتۈن ئوبرازغا تەسىر يېتىپ، كۆڭۈلدىكىدەك ياسىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا كىيىم بىلەن ئاياغنى قانداق ماسلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە كۆڭلەككە ماسلاشتۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغان تۆت خىل ئاياغ ھەققىدە توختىلىمىز.
قېلىن چەملىك ئاياغ
قېلىن چەملىك ئاياغ تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر ئالدى بىلەن بۇ خىل ئاياغنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يەنى راھەت ۋە بوينى ئېگىز كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قېلىن چەملىك ئاياغنى كۆڭلەككە ماسلاشتۇرغاندا، بوينى پاكار، ئادەمنى كالامپاي، مەتو كۆرسىتىپ قويىدۇ.
سۇدىن ساقلىنىشچان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ
بۇ خىل ئاياغ ئادەتتىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارغا قارىغاندا خېلىلا قېلىن ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ پۈتۈن ئوبراز جەھەتتىن قارىغاندىمۇ ئادەتتىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغدەك ئاياللارنى جەلپكار، پاچىقىنى ئۇزۇن كۆرسىتەلمەيدۇ.
رىمچە بوغقۇچلۇق ئاياغ
رىمچە بوغقۇچلۇق ئاياغ بىلەن كۆڭلەكنى ماسلاشتۇرۇش گەرچە مودا چەمبىرىكىدە ئالقىشلانغان ئۇسلۇب بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق كىيگەندە ئاسانلا ئادەمنىڭ پۇتى قىسقا كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
تۆشۈكلۈك ئاياغ
تۆشۈكلۈك ئاياغ بىلەن كۆڭلەك كىيگەندە گۈزەللىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.