تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يېسى پۇرچاق قان شېكىرىنى كونترول قىلىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، دائىم يېگەندە سالامەتلىككە پايدىلىق. ئەنگلىيە «ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان كانادانىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېسى پۇرچاقنى گاڭپەن ياكى ياڭيۇ ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا قان شېكىرىنى %35 چۈشۈرگىلى بولىدىكەن، بۇ ئارقىلىق دىيابېتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.

    كانادا  گۇئېلف داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور ئالىسون دۇنكان ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى قورامىغا يەتكەن 24 ساغلام كىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، ھەربىر گۇرۇپپىدىكىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا گاڭپەن، ياڭيۇ، گاڭپەن+يېسى پۇرچاق ياكى ياڭيۇ+يېسى پۇرچاق يېگەن ھەمدە سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى ھەم تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدىكى قان شېكىرى ئۆلچەنگەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، يېسى پۇرچاقنى گاڭپەنگە ئارىلاشتۇرۇپ يېگەن سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسى ساپ گاڭپەن يېگەنلەرگە قارىغاندا %20 تۆۋەن بولغان، يېسى پۇرچاقنى ياڭيۇغا ئارىلاشتۇرۇپ يېگەن سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسى ساپ ياڭيۇ يېگەنلەرگە قارىغاندا %35 تۆۋەن بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئالىسۇن دۇنكان مۇنداق بىلدۈردى: قان شېكىرىنى چۈشۈرىدىغان دورىدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش قان شېكىرىنى كونترول قىلىدىغان ھەم دىيابېت كېسىلىنى باشقۇرىدىغان مۇھىم ھالقا. كىچىك قىزىل يېسى پۇرچاقنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان، جۇڭگودا دائىم ئۇچرايدىغىنى سېرىق يېشىل رەڭلىك كىچىك يېسى پۇرچاق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوزۇقلۇق ماددىلار يىغىلغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، يېمەكلىك تالالىرى مىقدارى يۇقىرى، كىراخمال مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، تاماقنى ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق، بۇ ئارقىلىق تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دائىم يېسى پۇرچاق يەپ بەرگەندە دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، يېمەكلىك تالالىرى مول بولغان يېسى پۇرچاقنى كۆپ يېگەندە قان بېسىمىنى ۋە قاندىكى ماي ماددىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى