تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

سەھرايى كەبىردىكى تاغ جىنىسلىرىدا 1 مىليارد 100 مىليون يىل بۇرۇنقى قەدىمقى بوياقلار ساقلانغان

ماتېرىيال سۈرەت: سەھرايى كەبىر قۇملۇقى 

      خەلق تورى خەۋىرى: ئامېرىكا «كۈندىلىك ئىلىم » تور بېتىنىڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسى بىلەن ئامېرىكا، ياپونىيە ئالىملىرى بىرلىشىپ، گېئولوگىيە خاتىرىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي بوياقنى بايقىغان، بۇ ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى تاغ جىنسلىرى قاتلىمىدىن ئايرىپ چىقىلغان 1 مىليارد 100 مىليون تارىخقا ئىگە ئوچۇق ھال رەڭلىك بوياق ئىكەن.

  ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسى يەر شارى ئىلمى شۆيۈەنىدىكى دوكتور نېر گاينىلى مۇنداق دېدى: بۇ خىل بوياق غەربىي ئافرىقىدىكى ماۋرىتانىيە تاۋ دانيېل ئويمانلىقىدىكى قارا سلانېتستىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن بايقالغان بوياقتىن 500مىليون يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە.

ماتېرىيال سۈرەت: سەھرايى كەبىر قۇملۇقى 

  نېر گاينىلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئوچۇق ھال رەڭلىك بوياق خلوروفىل مولېكۇلىلىق تاشقا ئايلانغان جىسىم بولۇپ، ئۇلار قەدىمىي دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدىغان قەدىمكى فوتوسىنتېزلىق جانلىق، بۇ خىل جانلىقنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە خېلى ئۇزۇن بولدى. تاشقا ئايلانغان جىسىمنىڭ قويۇقلۇق دائىرىسى قان قىزىل رەڭدىن قېنىق سۆسۈن رەڭگە قېنىقلىشىدىغان بولۇپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئوچۇق ھال رەڭ پەيدا بولىدۇ ».

ماتېرىيال سۈرەت: سەھرايى كەبىر قۇملۇقى 

  بۇلاردىن ئايرىۋېلىنغان ماددا ۋە قەدىمىي جانلىق مولېكۇلاسىنى تەھلىل قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلار بۇ نەچچە مىليارد يىل بۇرۇنقى تاغ جىنسلىرىنى ئىزىپ ئۇششاق ھالەتكە ئەكەلگەن. نېر گاينىلى مۇنداق دېدى: «بۇ قەدىمكى پىگمېنتلارغا تەھلىل ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىز نەچچە مىليارد يىل ئىلگىرى، كىچىك كۆك يۈسۈننىڭ دېڭىز-ئوكيان ئوزۇقلۇق زەنجىرىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى دەلىللىدۇق، بۇنىڭ شۇ چاغدا نېمە ئۈچۈن ھايۋاناتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ياردىمى تىگىدۇ».

ماتېرىيال سۈرەت: سەھرايى كەبىر قۇملۇقى 

  مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ دوتسېنتى جون بروكس مۇنداق دېدى: چوڭ تىپتىكى ئاكتىپ جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى بەلكىم نىسبەتەن چوڭراق يېمەكلىك دانىچىلىرى (مەسىلەن: يۈسۈن تۈرىدىكىلەر) نىڭ تەمىنلىشىنىڭ چەكلىمىىسگە ئۇچرىشى مۇمكىن. جون بروكس مۇنداق دېدى: «يۈسۈن تۈرىدىكىلەر گەرچە مىكرو ھالەتتە تۇرسىمۇ ، ئەمما ھەجىمى كۆك يۈسۈننىڭ مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېخىمۇ مول بولغان ئوزۇقلۇق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ». بروكس تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تەخمىنەن 650 مىليون يىل ئىلگىرى، كۆك يۈسۈنلۈك دېڭىز-ئوكيانلار يوقىلىشقا باشلىغان، ئۇ چاغدا، يۈسۈن تۈرىدىكىلەر شىددەت بىلەن يامراپ، مۇرەككەپ ئېكولوگىيە سىسىتېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى ھايۋانلارنىڭ يەر شارىدىكى بۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدا ياشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن».

ماتېرىيال سۈرەت: سەھرايى كەبىر قۇملۇقى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى