تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مورى: جاي ـ جايلاردىن كەلدى مېھمانلار، چۈشتى كەسكىن بەيگىگە تۇلپارلار

مۇخبىرىمىز خې خۇڭۋېي

   كۆك ئاسماندا بۇلۇتلار ئاستا – ئاستا تارقاشقا باشلىدى، تىيانشان باغرىدىكى بەيگە مەيدانىدا چەۋەندازلار قامچىلىرىنى ئوينىتىپ بەيگىگە چۈشتى، تاماشىبىنلار تەنتەنىگە چۆمدى. سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات نامايان قىلىنغان ئات بەيگىسى 7 – ئاينىڭ 14 – كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭدىكى سەككىز چەۋەندازلار جەمئىيىتىدىن كەلگەن 36 ۋەكىللەر كوماندىسى، 110 تۇلپار ۋە 110 چەۋەنداز مورىغا جەم بولۇپ، نەق مەيداندا تاماشىبىنلارغا ئېسىل ماھارەت كۆرسەتتى.

   خېنەندىن كەلگەن لى لىڭ يان تېلېفونىدا بەيگە مەيدانىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتقاچ ھەمراھى بىلەن پاراڭلاشماقتا ئىدى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شىنجاڭغا 2  – قېتىم كېلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەريانىدا تاسادىپىي پۇرسەتتە مورىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئات بەيگىسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانىدى. لى لىڭ مۇنداق دېدى: ساپ ھەم سالقىن ھاۋا، بەيگىگە چۈشكەن تۇلپارلار كىشىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن! بىز يەنە بىر ئاخشام قونۇپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، مەززىلىك كاۋاپلارغا ئېغىز تېگىپ، مورى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشنى مەسلىھەتلەشتۇق.

   ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ياڭ شياۋلېي ‹‹ئات بەيگىسى ھەۋەسكارى›› ئىدى، ئۇ بىر نەچچە دوستى بىلەن بىللە ئالايىتەن ئات بەيگىسىنى كۆرگىلى كەلگەنىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئات بەيگىسى بەك قىززىدى، بەيگە يولى، بەيگە تۈزۈمىمۇ ناھايىتى مۇنتىزىم ئىكەن، بىز ئىككى كۈن بۇرۇن كېلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇردۇق. بىز بۇ يەردە ئاددىي – ساددىلىقنى ھېس قىلدۇق، تەبىئەتكە قايتقاندەك بولدۇق، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.

   ئات مەدەنىيىتى ۋە ئاتچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، مورى ئات بەيگىسى ئارقىلىق دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئات ئارقىلىق كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

   سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زىبىن مۇنداق دېدى: پۈتۈن رايون ساياھىتى ئاددىي ھالدىكى مەنزىرە تاماشا قىلىش ساياھىتى ئەمەس، بۇنىڭدا مەدەنىيەت مەزمۇنى، ھېس قىلىش تۇيغۇسى بولۇش تېخىمۇ مۇھىم. مورىدا ئۆلچەملىك ئات بەيگە مەيدانى بولۇپلا قالماي، يەنە ئات مەدەنىيىتى جۇغلانمىسى ھەم ئات مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى بار. تەنتەربىيە مۇسابىقىسى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش مورىنىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا، ئۇنى كىشىلەر ئىنتىلىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق، بۇنىڭغا يەرلىكنىڭ ساياھەت بايلىقى قوشۇلسا، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا جەزمەن تۈرتكە بولالايدۇ.

   ئات بەيگىسى مەيدانىغا ئانچە يىراق بولمىغان قازاق كەشتىچىلىك مەدەنىيىتى كەسىپلەر رايونىدا ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ ئۇچراتقىلى بولاتتى، ‹‹مېرۋېرت كەشتىچىلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى››مۇ تىجارەت جانلانغان مەزگىلنى كۈتۈۋالغانىدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قازاق دېھقان – چارۋىچىلار ۋە ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرغان، ئاساسلىقى قازاقچە ئۇسلۇبتا كەشتىلەنگەن قول سومكىسى، تەخسە تەگلىكى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتىدۇ، 30 خادىمنىڭ ئىچىدە دېھقان – چارۋىچى %82نى ئىگىلەيدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جايىمقان ئەۋتەي مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى سېتىلىش سوممىمىز 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، شۇڭا بىز ئادەم كۆپەيتتۇق. ئەمدى بىز تېخىمۇ كۆپ نەقىش نۇسخىسىنى لايىھەلەپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.

   مورى ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قويۇق مىللىي مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى، تۆت پەسىل ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ‹‹پۈتۈن مەنزىرە، پۈتۈن كەسىپ، پۈتۈن ۋاقىت، پۈتۈن خەلق››قە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەممە پەسىلدە، ھەممە جايدا مەنزىرە بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ‹‹مەدەنىيەت+ساياھەت+تەنتەربىيە›› تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ماركىسى، تەبىئىي مەنزىرە ماركىسى ۋە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماركىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2018 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ناھىيە بويىچە 1 مىليون 87 مىڭ ساياھەتچى(قېتىم) كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، قونغان ساياھەتچى 310 مىڭ 500گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.3 ئاشتى.

   مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئايگۈل شارىپقان مۇنداق دېدى: ھازىر ناھىيەمىز دۆلەت دەرىجىلىك پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇۋاتىدۇ، بىز مورىنىڭ ئات بەيگىسى قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت ساياھىتى كەسپى ئارقىلىق 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلەرنى يۇغۇرما تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ‹‹ئېكولوگىيەلىك ناھىيە، مەدەنىي ناھىيە، ساياھەت ناھىيەسى›› بەرپا قىلىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى