تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىمەن

توقسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئەمەرجان ئىمىن

   ھازىر، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ‹‹ئىككى  يۈزلىمىچى››لەرنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىن تازىلاۋاتىدۇ. بىز چوقۇم تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ ئۆتكۈر كۆز، تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتە ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

   مەن ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى توغرا تونۇشقا، شىنجاڭنىڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەيمەن. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرمايمەن.

   مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم – كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۇچ كەلگەن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، شەمشەرنى قىنىدىن سۇغۇرۇش، مىلتىقنى بەتلەشنى دائىملاشتۇرۇشتەك مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دۈشمەن كۈچلەرگە قىلچە پۇرسەت بەرمەي، ئەڭ قاتتىق ۋاسىتە ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىمەن.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹كادىرلار ئىستىلىنىڭ پۇختا بولماسلىقى ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز›› دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس، زىچ باغلانغانلىقىنى قەتئىي نامايان قىلىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن تۈرلۈك زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆز پېتى، كەم – كوتسىز، قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، پۈتۈن كۈچۈم، چىن ھېسسىياتىم، پۈتۈن زېھنىمنى سەرپ قىلىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى