تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چىن مېھىردىن تۇتاشقان ئاچا ـ سىڭىللىق رىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گۇ شۆ، سۇ مىن

   ــ ئاچا، يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسى مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شيۇپىڭنىڭ قىزغىن سالىمىنى ئاڭلىغان گۈلبوستان غوجائەخمەت ئۆيىدىن ئالدىراش چىقىپ، سىڭلىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

   ــ كەلدىڭىزمۇ سىڭلىم، ئەھۋالىم ياخشى، قېنى ئۆيگە كىرىڭ.

   گۈلبوستان بىلەن جاۋ شيۇپىڭنىڭ ئاچا – سىڭىللىق رىشتىنى ئىككى يىل بۇرۇنقى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

   2016– يىلى 12 – ئاي، جاۋ شيۇپىڭ 60 ياشلار چامىسىدىكى ئورۇققىنە كەلگەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى گۈلبوستان بىلەن كۆرۈشتى. گۈلبوستان غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭ مەھەللە كوچا باشقارمىسى مال بازىرى مەھەللىسىدىكى بىر كىچىك قورۇدا ئولتۇراتتى، ئۇ بەش يىل ئىلگىرى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىنىسىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. ئىنىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىناتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. كېيىن گۈلبوستان تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، مائاشىغا تايىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىدى.

   جاۋ شيۇپىڭ گۈلبوستاننىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىش روھىدىن تەسىرلەندى، ئۇلار ئاچا – سىڭىل بولۇشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جاۋ شيۇپىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇردى، ئۆيدىكى كۆمۈر تۈگىدىمۇ – يوق؟ قىشلىق كىيىمى بارمۇ – يوق؟... جاۋ شيۇپىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇششاق ئىشلارنىمۇ ئەستىن چىقارماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئىپادىلىدى.

   ئاچىسى بىلەن ئالاقىلىشىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، جاۋ شيۇپىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىۋېلىپ، گۈلبوستانغا سوۋغا قىلدى ھەم ئۇنىڭغا يان تېلېفوننى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويدى، ھازىر، كۈندە تېلېفونلىشىش ئۇلارنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىشقا ئايلاندى.

   تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاۋ شيۇپىڭ ھەر ۋاقىت گۈلبوستان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى. ئاچىسىنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، جاۋ شيۇپىڭ ئۇنىڭ قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەپ، ئۇنىڭغا دورا ئاپىرىپ بەردى. ئاچىسىنىڭ جىيەن قىزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال دورا سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى، يەنە جىيەن قىزىغا يېڭى پوپايكا ئېلىپ بەردى، بۇ ئىشلار گۈلبوستان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

   ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدا، جاۋ شيۇپىڭ گۈلبوستانغا بىر جۈپ ھالقا ئېلىپ بەردى، ھازىر، گۈلبوستان ھەممەيلەنگە پەخىرلەنگەن ھالدا ‹‹بۇنى ماڭا سىڭلىم ئېلىپ بەرگەن›› دەيدۇ.

   ئىككى كۈندىن بۇيان، جاۋ شيۇپىڭ يەنە بىر ئىش ئۈچۈن باش قاتۇردى. گۈلبوستاننىڭ ھويلىسىنىڭ تېمى ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، يوشۇرۇن خەۋپ بار ئىدى، جاۋ شيۇپىڭ بۇ ئەھۋالدىن ئىچى تىتىلداپ، ئېرى خو يىجۈن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پۇل چىقىرىپ، ئادەم تەكلىپ قىلىپ، ھويلا تېمىنى قايتا سېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

   دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، جاۋ شيۇپىڭ ئىشچىلارنى باشلاپ گۈلبوستاننىڭ ئۆيىگە كەلدى. خو يىجۈن پىژغىرىم تومۇز ئىسسىقتا يېڭىنى تۈرۈپ، ئىشچىلار بىلەن بىللە لاي ئېتىپ، خىش يۆتكەپ، تام قوپۇردى، جاۋ شيۇپىڭ ئاچىسىغا ياردەملىشىپ ئىشلەۋاتقانلارغا چاي قۇيۇپ، تاماق ئەتتى.

   گۈلبوستان ھاياجانلانغان ھالدا جاۋ شيۇپىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: رەھمەت، سىز ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى سىڭلىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى