تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

‏«دىنازاۋۇرنى قانداق تىرىلدۈرۈش كېرەك؟» كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى ‏‎ ‎

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي خەۋىرى، فوتوسى. قايسى دىنوزاۋرنىڭ ئەڭ يىرتقۇچ ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇ نېمە يەيدۇ؟ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «دىنوزاۋرنى قانداق تىرىلدۈرۈش كېرەك؟» ئىجادىيەت كۆرگەزمىسىدە، ئىلمىي ئۇسۇلدا رەسىم سىزىش، مودېل ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، دىنوزاۋرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمىي تەتقىقات مېسالىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە دىنوزاۋرنىڭ «تىرىك» ھالىتى نامايەن قىلىندى.

كۆرگەزمە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنازاۋۇرغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇردى.

  مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كۆرگەزمىدە دىنوزاۋرنىڭ ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىن «تىرىلگەن» لىكىنى ئىگىلىدى: بىرىنچىدىن، ئىلمىي ئۇسۇلدا رەسىم سىزىش، مودېل ئەۋرىشكىسى، ھېس قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە كۆپ ۋاستىلىك كۆرگەزمە تۈرى ئارقىلىق، دىنوزاۋرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمىي تەتقىقاتىدىكى تىپىك مېساللارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، سەرخىل دىنوزاۋر دۇنياسى بەرپا قىلىنغان. ئىككىنچىدىن، ماشىنا قۇرۇلمىسى، ئاۋاز، سىن كۆرۈنۈشى قاتارلىق كۆرگەزمە ۋاستىلىرى ئارقىلىق، دىنوزاۋرنى ئاۋاز چىقارتقۇزۇپ، تۇرغۇزۇپ، ھەرىكەت قىلغۇزۇپ، تىرىك «ھالىتى» نامايەن قىلىنغان.

  دىنوزاۋرلار نېمە يەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ تېرىسى قانداق بولىدۇ؟ مۇخبىر نەق مەيداندا كۆرگەزمە تاختىسىدىكى بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنوزاۋرغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقىنى كۆردى، نەق مەيداندىكى «دىنوزاۋرلار بىلەن بەسلىشىش» قاتارلىق تۈر ئويۇنلىرى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ سىناپ بېقىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.

  كۆرگەزمە 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ جەرياندا شەھەر ئاھالىسى ئەگەر دىنوزاۋرنى يېقىندىن كۆرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئويلىسا، ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىي ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە، سائەت 11 دىن 17:30 گىچە ئېچىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى