تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسىپلەر باغچىسى —— يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) «يىپەك يولى يۇلتۇزى» خەلقئارا ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسىپلەر باغچىسى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار سارىيىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. بۇ كەسىپلەر باغچىسى ئادەم كۈچىنى توپلايدىغان سەھنىگە ئايلىنىپ، كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈككە ئايلانغۇسى.

   «يىپەك يولى يۇلتۇزى» خەلقئارا ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت باغچىسى شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار سارىيىنى يادرو قىلىپ، «بىر باغچىدا كۆپ رايون بولۇش» تەك جايلىشىش ئەندىزىسىگە ئاساسەن، كەسىپلەرنى توپلاش، سۇپا قۇرۇش، كەسىپلەرنى يېزا-ئىگىلىكىگە قايتۇرۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەسىپلەشكەن، ئۇچۇرلاشقان، قېلىپلاشقان، خەلقئارالاشقان ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىپ، ئۈرۈمچىدە پۇت تىرەپ تۇرىدىغان، پۈتكۈل شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پۈتكۈل مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئورنى بەرپا قىلىدۇ.

   كەسىپلەر باغچىسى كارخانىلارغا «بىر بېكەت شەكلى» دە كۆپ خىل مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى كارخانىلىرىنى توپلايدۇ؛ ئۆز نۆۋىتىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى، بازارلاشقان مۇلازىمەتلەرنى توپلاش سۇپىسى، ماكانلاشقان ئاپپاراتلارنىڭ تۇرمۇش يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئادەم كۈچى بايلىقىنى ھەرىكەتچان سەپلەش بازىرى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى، ئىختىساسلىقلار يەرمەنكىسى، داڭلىق كارخانىلار يەرمەنكىسى قاتارلىق تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى ئادەم كۈچى بايلىقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى