تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن

شىخو شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېرشات جۇمان

   مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

   غايە – ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە تەدرىجىي پارتىيەلىك كادىر بولۇپ يېتىلدىم، بۈگۈنكىدەك ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتىم. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە يادرونى ھىمايە قىلىمەن، سىياسىيدا يادرونى قوغدايمەن، ھەرىكەتتە يادروغا زىچ ئەگىشىپ ماڭىمەن.

   سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇندى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، چوڭ ھەق  – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاكتىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تولۇق قېزىپ، تولۇق تازىلايمەن.

   چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تونۇشۇمنى ئۆستۈرىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە كۈچەيمەن. ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، تاش – تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن ئىشلەيمەن.

   تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاكتىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سېپىلىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى