تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى

چېن چۈەنگو، ليۇ چى، شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ليۇ چى جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

   7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بىلەن جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باياشات، گۈزەل، بەختلىك، زامانىۋىلاشقان جياڭشى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ دانا، توغرىلىقىدىن، جياڭشى ئۆلكىسى قاتارلىق قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن كەلگەن.
            
   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئۇنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسى ۋە يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشتى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي -ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا، جياڭشى خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

   ليۇ چى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازىسى، ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنى شەكىللەندۈردى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى. بىز چىن قەلبىمىزدىن خۇشال بولدۇق ھەم قايىل بولدۇق. شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبىسى، ياخشى ئۇسۇلى بىزنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

   ليۇ چى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز. مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن سەككىز ئۆلكىنىڭ بىرى بولغان جياڭشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، جياڭشى ئۆلكىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، كەسىپلەر تەرەققىياتى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر مىللىي ھېسسىيات ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىدۇ. ليۇ چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش مۇھەببىتى ئىككى جاينى بىر-بىرىگە زىچ باغلىدى. جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتنىشىپ، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ھەمكارلىق ئالاقىسىنى بېيىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازار، كارخانا، مەكتەپ، ئاخبارات ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ما شۆجۈن، سارقىت ئاقان، جاۋ چۇڭجيۇ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى