تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى مۇقىم باشلاندى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ 7–ئاينىڭ 13–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى مۇقىم باشلانغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىلىرى 7 مىليارد 500 مىليون يۈەن بۇغداي سېتىۋېلىش قەرزىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان كارخانىلار ئاشلىق سىغىمچانلىقى 2 مىليون 510 مىڭ توننا كېلىدىغان ئاشلىق ئامبارلىرىنى تەييارلىغان، بۇ، سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قامدايدىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى ليۇ شۆمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7–ئاينىڭ 11–كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك كارخانىلار 591 مىڭ 584 توننا بۇغداي سېتىۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش–سېتىش كارخانىلىرى 461 مىڭ 955 توننا بۇغداي، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باش شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلىرى 62 مىڭ 85 توننا بۇغداي، كۈندىلىك پىششىقلاش ئىقتىدارى 100 توننىدىن ئاشىدىغان ئۇن تارتىش كارخانىلىرى 52 مىڭ 43 توننا بۇغداي، باشقا كارخانىلار 15 مىڭ 501 توننا بۇغداي سېتىۋالدى.

   ليۇ شۆمىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە ئاشلىق سېتىۋېلىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، كارخانىلارنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش تاختاي باھاسى ھەر كىلوگىرامى(3–دەرىجىلىكنىڭ) 2.34 يۈەن ئەتراپىدا، ھەر كىلوگىرامىنىڭ دەرىجە پەرقى 0.01–0.04 يۈەنگىچە بولدى، 1–دەرىجىلىك بۇغداي سېتىۋېلىنغان بۇغداي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %20 ىنى ئىگىلىدى. شىمالىي شىنجاڭدىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئارقا–ئارقىدىن ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلاندى، كارخانىلار بۇغداي سۈپىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئايرىم بېكىتىپ، سۈپەتلىك ئاشلىقنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشنى بىرقەدەر روشەن نامايان قىلدى، ھازىر سېتىۋېلىنغان بۇغداي ئاساسىي جەھەتتىن 1–دەرىجىلىك بولۇپ، سۈپىتى بۇلتۇرقىدىن ياخشى، كارخانىلارنىڭ ئامبارغا كىرگۈزۈش ئەمەلىي سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامى (3–دەرىجىلىكنىڭ) 2.46 يۈەن، سۈپەتلىك بۇغداي ‹‹شىندۇڭ 22››نىڭ ئامبارغا كىرگۈزۈش ئەمەلىي سېتىۋېلىش باھاسى ھەر بىر كىلوگىرامى(3–دەرىجىلىكنىڭ) 2.55 يۈەن بولدى.

    يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ مۇقىم باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سېتىۋېلىش تەييارلىق خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىدى. ليۇ شۆمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 27 ناھىيە، شەھەردىكى 32 ئاساسىي قاتلام سېتىۋېلىش پونكىتى، بەش بۇغداي ئۇنى پىششىقلاش كارخانىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش تەييارلىق خىزمىتى ۋە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش جەريانىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. يېقىندا يەنە ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1–سېپىگە بېرىپ، سېتىۋېلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ يىل قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنى قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلارغا بېرىپ، بۇغداي سېتىۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، بازار ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇرۇقلۇق ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە (شەھەر)لەر ئالدىن كېلىشىپ سېتىۋېلىشنى پائال تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تاپشۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، ‹‹ئاشلىق باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق يىغىۋالىدىغان پۇل بولۇش، ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش››قا كاپالەتلىك قىلغاچقا، ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان.                                                       

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى