تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئاياللار مۇشۇ نۇقتىدا كەتكۈزۈپ قويىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    بەزى ئەرلەر ئايالىنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە يوشۇرۇنغان مەنانى چۈشەنمىگەچكە، كەمچىلىكىنى تولۇقلاشقا تىرىشىپ، بىلىپ-بىلمەي خىزمەت مەيدانىدىكى ئىقتىدارلىق ئايالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال داۋاملاشقانچە ئېرى ئايالىنىڭ قابىلىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايلا قالماي، ئايالىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ.

   شۇڭا ئەرلەرنىڭ گەپلىرىنى بەزىدە «ئەكسىچە» چۈشىنىش كېرەك. ئۇنىڭ سىزنى ئىقتىدارسىز دېيىشى، بەلكىم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سىزنى مەلۇم ئىشنى ياخشى قىلالماپسىز، دېگىنى، ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەرنىڭ ئايالىنى سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغانلىقى پات-پات ئايالى ئالدىدا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسىتىپ، ئايالىنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئەركەكلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش-گەۋدىلەندۈرمەسلىكىدە تىپىك ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما ئاياللار بەزىدە ئەرلەرنىڭ بۇ سۆزلىرىگە يوشۇرۇنغان مەنانى ئۇقالماي، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ، ئەمما ئەرلەر ئايالىنىڭ بەك مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىنى خالىمىغاچقا، ئايالىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ.

   مەن نۇرغۇن گۈزەل ئاياللارنى تونۇيمەن، ئۇلار جەمئىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولغان، ئىنتايىن جەلپكار ئاياللاردىن بولسىمۇ، ئەمما بەزىلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى بەختلىك ئەمەس.

   بىر دوستۇم بار، جەمئىيەتتىكىلەر ئۇنى ھەم چىرايلىق، ھەم قولىدىن ئىش كېلىدۇ، دەپ تەرىپلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدەك ئۇنچە بەختلىك ئەمەس.

   ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ كىچىكىدە كىتاب ئوقۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن، قولىدىن ئىش كېلىدىكەن، شۇڭا تەرىپلەشلەر ئارىسىدا چوڭ بوپتۇ. ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن ئېرى ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ باقماپتۇ، ھە دېسىلا ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر تاپىدىكەن. چوڭ بولۇپ مۇشۇ چاغقىچە بىرەيلەن ئۇنى بۇنداق ئىنكار قىلىپ باقمىغانلىقتىن، ئۆزى سۆيگەن ئەرنىڭ ھە دېگەندىلا ئۇنى يارىماس قاتارىغا چىقىرىۋېتىشى ئۇنى ئازابلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن زېھنىنى خىزمەتكە قارىتىپ، سەھەر تۇرۇپ، كەچ قايتىپ ئىشلەپتۇ. ئەسلىدىلا بىلىم ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا خىزمەتتە تېزلا ئۆسۈپتۇ، پۇلنىمۇ ئېرىدىن كۆپ تېپىپتۇ. ئۆيگە قايتقاندا بالىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپتۇ. ئەمما ئېرى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ قۇسۇر ئىزدەيدىغان بوپتۇ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلماپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ ھېسسىياتىغا دەز كېتىپتۇ.

   ئەستايىدىل تەھلىل قىلساق، بۇنىڭ مۇنداق مۇھىم سەۋەبى بارلىقىنى بايقايمىز. ئادەتتە ئەرلەر ئايالى ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالايلى: «مەن ئىشلارنى جايى-جايىدا قىلالايمەن، مەن پۇلنى سىزدىن كۆپ تاپىمەن، مەن مەسىلە ھەل قىلىشقا سىزدىن ماھىر» دېگەندەك. سىزنى سۆيىدىغان ئەر بەزىدە تېخى «كاللىڭىز بىر ئازمۇ ئىشلىمەيدۇ» دەپ قويىدۇ، بۇ، سىزگە مەن بولمىسام بولمايدۇ، دېگىنى. ئەمما بۇنى چۈشەنمىگەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇنداق سۆزلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە باشلايدۇ.

   ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى بەزىدە «ئەكسىچە» مەنىدە چۈشىنىش كېرەك. ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرى ھەرگىزمۇ ئايالىغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئېيتىلمىغان، بەلكى ئايالىنى سۆيىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. تۇرمۇشتا سىزمۇ مۇشۇنداق «كەمسىتىش» لەرگە ئۇچراپ باققانمۇ؟ شۇ چاغدا قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى