تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

«سىلاۋ بازار» خەلقئارا سەنئەت بايرىمى بېلورۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: 27-نۆۋەتلىك «سىلاۋ بازار»خەلقئارا سەنئەت بايرىمى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىسى بېلورۇسىيەنىڭ ۋىتېبسك شەھىرى ياز پەسلى ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. نەق مەيداندا تەخمىنەن 6000 تاماشىبىن نادىر ناخشا-ئۇسۇل نومۇرلىرىدىن ھوزۇر ئالدى.

   بەش كۈن داۋاملىشىدىغان سەنئەت بايرىمىغا  40 دۆلەت ۋە رايون قاتناشقان بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە كۆپ مەيدان ناخشا-ئۇسۇل قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

   بېلورۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو سەنئەت بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان «سىلاۋ بازار» سەنئەت بايرىمىنىڭ ھەر يىلى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنى جەلىپ قىلدىغانلىقىنى، سەنئەت ئارقىلىق ئوخشىمىغان مىلللەتلەر ئارىسىدىكى تىنچلىق ۋە ئۆز-ئارا چۈشەنچىنى ئاشۇرۇشنىڭ سەنئەت بايرىمىنى تەسىس قىلىشتىكى دەسلەپكى مۇددىئا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

   ئېچىلىش مۇراسىمىدا  بېلورۇسيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارتىسلىرى تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىغان.

   «سىلاۋ بازار» خەلقئارا سەنئەت بايرىمى 1992-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ۋىتېبسكدا  ئۆتكۈزۈلىدۇ،  م د ب رايونى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى  ئارىسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ خەلقئارا سەنئەت بايراملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى