تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تەر تۆشۈكچىلىرىنى چوڭايتىۋېتىدىغان ئۈچ خىل يۈز يۇيۇش ئادىتى

    يۈز يۇيۇش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلارنىڭ بىرى بولغىنى بىلەن كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. يۈزنى قانداق يۇيۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى يۈزنى پاكىز يۇيمىغاندا مەيلى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى ئىشلىتىڭ ياكى پەرداز قىلىڭ ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. يۈز يۇيۇشتىكى ئۈچ خاتا ئۇسۇل تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئاسانلا چوڭايتىۋېتىدۇ.

   بىرىنچى خىل ئۇسۇل: بەزى كىشىلەر يۈز يۇيغاندا يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاسىتە يۈزىگە سۈرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا يۈزگە بولغان ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ يۈزنى نەمدىمەي، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدىن مازغاپ چىقارماي تۇرۇپلا يۈزگە سۈرگەندە مازغاپ چىقىرىشقا يەنىلا بىر ئاز ۋاقىت كېتىپ، يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈز بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئۇزىراپ تەر تۆشۈكچىلەر ئاسانلا غىدىقلىنىپ چوڭىيىپ كېتىدۇ.

   ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: يۈز يۇيغاندا لۆڭگە ئىشلىتىش نورمال ئەھۋال. ئەمما يۈزدىكى ئارتۇق سۇلارنى سۈرتۈۋەتكەندە ياكى لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۈزگە ياققاندا يۈزنى كۈچەپ سۈرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى لۆڭگە تېرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن يىرىك بولغاچقا، يۈزنى كۈچەپ سۈرتكەندە مۈڭگۈز قەۋىتى زەخمىلىنىپ تەر تۆشۈكچىلەر ئاسانلا چوڭىيىپ كېتىدۇ.

   ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل: بەك قىزىق سۇدا يۈز يۇيغاندا سۇ تېمپېراتۇرىسى تازىلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە تېرىنىڭ تۇراقلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزى كىشىلەر قىزىقراق سۇدا يۈز يۇيغاندا يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ئارتۇقچە مايلارنى تازىلىغىلى بولىدۇ دەپ قاراپ، يۈزىنى قىزىقراق سۇدا يۇيىدۇ. بەك قىزىق سۇ تەر تۆشۈكچىلىرىنى غىدىقلايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا تەر تۆشۈكچىلەر چوڭ ئېچىلىپ، سىرتقى قەۋەتتىكى تېرە يۇمشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرە تېخىمۇ كۆپ ماينى ئاجرىتىپ تەر تۆشۈكچىلەر تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا، يۈز يۇيغاندا يۇقىرىقى ئۈچ خىل خاتا ئۇسۇلدىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى