تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق ئۇچۇشنى تاماملىدى

    7-ئاينىڭ 12-كۈنى C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى شاڭخەي «پۇدۇڭ» ئايرودۇرۇمىدىن كۆككە كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى شاڭخەي «پۇدۇڭ» ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 1 سائەت 46 مىنۇتتىن كېيىن شەندۇڭنىڭ دۇڭيىڭدىكى «شېڭلى» ئايرودۇرۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇپ، تۇنجى قېتىم بوشلۇقتا يىراق ئارىلىققا ئۇچۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. بۇ، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈرىنىڭ سىناق ئۇچۇشنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، كۆپ جايدا تەڭ قەدەمدە سىناق ئۇچۇش ئەندىزىسىنى رەسمىي قوزغاتقانلىقىدىن، كەلگۈسىدە تۈرلۈك مۇرەككەپ ھاۋارايى شارائىتى سىنىقى ۋە سىستېمىلىق بولغان يۇقىرى خەۋپ-خەتەرلىك سىناق ئۇچۇش تۈرى رىقابىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ قېتىم دۇڭيىڭغا سىناق ئۇچقان ئايروپىلان ئاساسلىقى ھەرىكەت كۈچى ئۈسكۈنىلىرى، توك مەنبەسى سىستېمىسى، مۇھىت كونترول سىستېمىسى قاتارلىقلارنى يەر يۈزىدە سىناق قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە سىناق ئۇچۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى