تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چاچ چۈشۈش چاچنى كۆپ يۇيۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

    ئەتىگەن چاچ يۇيسا ياخشىمۇ ياكى كەچتە چاچ يۇيسا ياخشىمۇ؟ ئىلگىرى بىز كەچتە چاچ يۇيسا چاچ ئاسان قۇرىمايدۇ، چاچنى قۇرۇتماي ئۇخلاپ قالسا باش ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ... دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان.
بەزى كىشىلەر سەھەردە چاچ يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن، يەنە بەزى كىشىلەر بولسا كەچتە چاچ يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن.

   ئەمەلىيەتتە، چاچنى قايسى ۋاقىتتا يۇيۇڭ، ۋاقتىدا قۇرۇتساقلا بولىدۇ.

    چاچ چۈشۈش چاچنى كۆپ يۇيۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

   چاچ چۈشۈش چاچنى كۆپ يۇيۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى چاچ چۈشۈش فىزىئولوگىيەلىك چاچ چۈشۈش ۋە كېسەللىك مەنبەلىك چاچ چۈشۈش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چۈشۈپ كەتكەن چاچلار توختاش مەزگىلىگە ياكى قېرىش مەزگىلىگە كىرگەن چاچلار بولۇپ، چاچنى يۇيمىغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا تەبىئىي چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چاچنى كۆپ يۇيۇش سەۋەبلىك چاچ چۈشۈش ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، بۇ چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  چاچقا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش، پەرۋىش قىلىش كېرەك، بولمىسا چاچ تېخىمۇ كۆپ چۈشۈپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى