تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

شيارىتالا يايلىقى

7-ئاينىڭ 11-كۈنى ياغقان يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، گەنسۇ ئۆلكىسى جياڭيې شەھىرىنىڭ سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى خۇاڭچېڭ بازىرى تەۋەسىدىكى شيارىتالا يايلىقى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىردى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، گەنسۇ ئۆلكىسى جياڭيې شەھىرى سۇنەن ناھىيەسىنىڭ خۇاڭچېڭ بازىرىدا ئۇدا يامغۇر يېغىپ، ياپيېشىل يايلاقلار يامغۇردا «يۇيۇنۇپ»، غەربىي يۇرتنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە يەنىمۇ ھۆسىن قوشتى. سۇنەن ناھىيەسى بولسا جۇڭگودىكى بىردىنبىر يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى بولۇپ، خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 650 كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغا سوزۇلغان كەڭلىكى 200~120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 24 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تالا يايلىقى سۇنەن ناھىيەسىنىڭ خۇاڭچېڭ بازىرىغا جايلاشقان، ئۇ يۇغۇر تىلىدا «ئالتۇن رەڭلىك يايلاق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرى «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلىدا «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئالتە يايلاقنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.

جاڭ يۈەن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى