تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كۆز ئەتراپىدىكى تېرە مەسىلىلىرىنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق يوقىتىش

    كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ماي بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان تېرە مېيى ـــ تېرە ماي پەردىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ سۇ ساقلاش ۋە قورۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. ئەگەر يېتەرلىك ئاجرىلىپ چىقمىسا، كۆز ئەتراپىدا سۇ كەمچىل بولۇپ، قۇرغاقلىشىپ ھەر خىل تېرە مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ. تۆۋەندە كۆز ئەتراپىدىكى تېرە مەسىلىلىرىنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق يوقىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىمىز.
    كۆز قۇيرۇقى ساڭگىلاش
    سەۋەبى: كۆز قۇيرۇقىدا بىر قەۋەت نېپىز تېرە بار بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ. تېرىدىكى كوللاگېنلىق ئاقسىلنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە تېرىنى چىڭىتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. تېرىدىكى كوللاگېنلىق ئاقسىلنىڭ ئازلىشى تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئۇۋىلاش ئۇسۇلى
    بىرىنچى باسقۇچ: يۈزنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ كۆز مەلھىمىنى نامسىز بارماققا ماشنىڭ چوڭلىقىدا چىقىرىپ، ئىككى نامسىز بارماقنى بىر-بىرىگە سۈرۈش ئارقىلىق، كۆز مەلھىمىگە ئىسسىق ئۆتكۈزىمىز، بۇنداق قىلغاندا تېرە كۆز مەلھىمىنى تېز سۈمۈرىدۇ. ئارقىدىن پىيانىنو چېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆز مەلھىمىنى كۆز ئەتراپىغا يىنىك ئۇرۇپ سۈرۈپ بەرسەك بولىدۇ.
    ئىككىنچى باسقۇچ: ئوتتۇرا بارماق بىلەن نامسىز بارماقنى كۆزنىڭ قۇيرىقىدىن بېشىغا قاراپ ئىتتىرىمىز.
    ئۈچىنچى باسقۇچ: ئوتتۇرا بارماقنى قاپاقتىن، نامسىز بارماقنى كۆزنىڭ ئاستىدىن ئىككى چېكىمىزگە قارىتىپ يەڭگىل يۇقىرىغا كۆتۈرىمىز.
    تۆتىنچى باسقۇچ: ئارقىدىن ئىككى چېكىمىزنى يىنىك ئۇۋۇلايمىز، ئوڭ-سول كۆزنى تەكرار ئۈچ قېتىمدىن ئىشلەيمىز.
    بەشىنچى باسقۇچ: ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى بىر-بىرىگە سۈرۈپ قىزىتىپ، ئالقاننى كۆز ئەتراپىغا يېقىپ بەرسەك، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەرنىڭ قان ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ.

    كۆز ئەتراپىدا ئىنچىكە قورۇقلار پەيدا بولۇش، كۆز ئەتراپى قارىداش
    سەۋەبى: كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئەڭ نازۇك بولىدۇ. ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىمىغاندا، كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەر ئەمەس، يۈز تېرىسىمۇ قۇرغاقلىشىپ ھەر خىل تېرە مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ. قۇرغاقلىشىش، سۇ كەمچىل بولۇش كۆز ئەتراپىغا ئىنچىكە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
    ئۇۋىلاش ئۇسۇلى
    بىرىنچى باسقۇچ: ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ۋە ئوتتۇرا بارمىقىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا V خەت شەكلىنى ھاسىل قىلىپ، كۆزنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە قويىمىز.
    ئىككىنچى باسقۇچ: ئۈستىگە قاراش ئارقىلىق كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى تارتىشتۇرۇپ، بىردەمدىن كېيىن كۆزنى ئاستا-ئاستا يۇمۇپ، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز قۇيرۇقىنى يىنىك بېسىپ تۇرىمىز.
    ئۈچىنچى باسقۇچ: يۇقىرىقى ھالەتنى 20~10 سېكۇنتقىچە ساقلاپ، تەكرار ئۈچ قېتىم ئىشلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى