تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈلگە بولىمەن

كۇچا ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سۇ مەمۇرىيىتى سۇ بايلىقى مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەكبەر ئابلىمىت

   ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە ئەزاسى بار، بوۋام 1960 – يىلى مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە بېيجىڭغا بېرىپ، شەرەپ بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان؛ ئانام ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغان ئىستۇدېنت بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۇچاغا قايتىپ كېلىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئىلگىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى  –  تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى، دېگەن نامغا ئېرىشكەن. مەن مۇشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى قەلبىمگە بۇرۇنلا ئورناپ كەتكەن، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئۆگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، مەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى بىلەن تاۋلاندىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدىم.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىدا ئېغىش كۆرۈلدى، ئۇلار تەشكىلنى، ئاممىنى ئالداپ، ‹‹ئىككى كېمە››گە تەڭ دەسسىدى، ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پارتىيە بىلەن ئامما ئارىسىدا قارشىلىشىش پەيدا قىلىپ، كادىرلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىپ، خۇپىيانە ھالدا گۇرۇھ تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بەزىلىرى ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاستىرتىن قوللىدى، قاتناشتى ۋە تەشكىللىدى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قولچوماقچىلىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىپ، تەلتۆكۈس تازىلاش كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چوقۇم قاتتىق چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا خاس باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن. مەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، ئادەتتە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى ۋە  ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك ئەتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن. مەن قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا، پارتىيە 19 –  قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىش خىزمىتىدە ئۈلگە بولىمەن.

   مەن سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار چۈشۈرگەن خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى كەم  – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بولۇپمۇ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قىلچە بىخۇدلۇق قىلمايمەن. كادىرلار قوشۇنىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرق ئېتىپ، دادىل پاش قىلىمەن. مەن سىياسىي يۆنىلىشنى، غايە – ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدان قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشنى كۈچەيتىمەن. بەنزە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تىرىشىپ قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولغان، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلار قوشۇنى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەر مىللەت خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان قوشۇن قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىمەن، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، لاياقەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش خادىمى بولىمەن.

   مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 19 –  قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر بىر خىزمەت ھالقىسىغا سىڭدۈرۈپ، جاپادىن، قىيىنچىلىقتىن، ھېرىپ – چارچاشتىن قورقمايدىغان روھ بىلەن، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى