تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى

چېن چۈەنگو، شۈ داجې، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

   مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى شۈ داجې خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

   خۇنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىيەت خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، تۇرپان شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 12 – شىسى 221 – تۈەنىنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، خۇنەن خەلقى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ‹‹بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، بۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، شىنجاڭنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى، خۇنەن خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىنى ھەقىقىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىمىز.

   شۈ داجې ئالدى بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

   شۈ داجې مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تۇرپان شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 12 – شىسى 221 – تۈەنىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇنەن ئۆلكىسىگە تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت. خۇنەن ئۆلكىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇش››، ‹‹ئالتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش››، ‹‹دىققەتنى ئالتىگە قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈش››نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بويىچە دەل جايىدا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، ئالاقە سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۈ داجې مۇنداق دېدى: قارلىق تاغدا بارچە گۈلنىڭ ھەممىسى پورەكلەپ ئېچىلالمايدۇ، ئەمما قارلەيلىسى ئېچىلدى؛ قاقاس چۆلدە بارچە دەرەخنىڭ ھەممىسى يىلتىز تارتالمايدۇ، ئەمما توغراق يىلتىز تارتتى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلىرىنىڭ خۇددى توغراقتەك شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىنى، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قارلەيلىسىدەك ئېچىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   سۆھبەت يىغىنىدا شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

   خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، بىڭتۈەن 12 – شىسىغا بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

   خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ لەنشياڭ، ۋاڭ كېمىن، ۋۇ گۈييىڭ، جاڭ جيەن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، لى شۆجۈن، مەڭلىك سىيىت، ئىلھام سابىر قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.