خەلق تورى، توكيو، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇق سارىيى بىلەن جىڭدېجېن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جىڭدېجېن مىڭ، چىڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى ئوردا خۇمدىنىدىن چىققان كۆپەيتمىلەر كۆرگەزمىسى» 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇق سارىيىنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە جىڭدېجېن مىڭ، چىڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى خۇمداندا پىشۇرۇلغان فار-فۇر قاچىلارغا يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان يۈزدىن ئارتۇق بۇيۇم قويۇلغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ شۈەندى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭجى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭجېڭ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ قاتارلىق دەۋرىلىرىدىكى بۇيۇملىرىغا تەقلىد قىلىنغان، جىڭدېجېن مۇزىيىنى ئوردا خۇمدىنىدا پىشۇرۇلغان فار-فۇر قاچىلار گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى تارىختىكى ئېسىل بۇيۇملار قاپلىغان. جىڭدېجېننىڭ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى مىڭ، چىڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى ئوردا خۇمدىنىدىن چىققان ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت ئاساسىدا قايتا ياسالغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە خام ئەشيا قىلىپ تەڭشەش، شەكىلگە كەلتۈرۈش، سىزىش، رەڭلەش، كۆيدۈرۈپ ياساش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي بۇيۇم بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، جىڭدېجېننىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى سەنئەت ساپال بۇيۇملىرى ۋە فار-فۇر ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە جەۋھىرىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن.
جۇڭگو دوستلۇق سارىيىنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان «مىڭ سۇلالىسىنىڭ جياجىن دەۋرىدىكى رەڭلىك بېلىق يۈسۈنلۈك سىزىقچە بار داڭقان» نىڭ كۆپەيتمىسى. (مۇخبىر ليۇ جۈن فوتوسى)