تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يازلىق تەتىلنى مۇنداق ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ

بالىلار نەنمېندىكى «شىنخۇا كىتابخانىسى» دا كىتاب ئوقۇماقتا.

  پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئالىيە تۇرغۇن خەۋىرى، فوتوسى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تەتىل قويۇپ بېرىلدى، يازلىق تەتىل تۇرمۇشىنى قانداق مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش بىر «بىلىم» بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نەنمېنغا جايلاشقان «شىنخۇا كىتابخانىسى» بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلدە ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىش قىلىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى. سەككىز ياشلىق ساۋ روشۈەن: «مەن كىتابخانىغا كېلىپ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى دەرستىن سىرتقى بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالالايمەن، يەنە تېخىمۇ كۆپ خەتنى تونۇۋالالايمەن» دېدى.

  نەنمېن «شىنخۇا كىتابخانىسى» كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزى ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى ئارداق مۇخبىرغا بۇ يازلىق تەتىلدە كىتابخانىنىڭ كىتاب تۈرلىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى، كىچىك دوستلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈستەل-ئورۇندۇق كۆپەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ئادەمنى چارچاتمايدۇ، ئەمما ھەممە بالىلار كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. «تەتىل قويۇپ بەرگىلى بىر ھەپتىلا بولغان بولسىمۇ، قىزىم كۈندە يان تېلېفون ئوينايدۇ، كىتاب كۆر دېسەك دەرھاللا ئۇيقۇسى كېلىدۇ» دېدى گۈلنۇر مۇسا ئەپسۇسلىنىپ.

  گۈلنۇر قىزىنىڭ يازلىق تەتىللىك دەم ئېلىش جەدۋىلى تۈزۈپ، يازلىق تەتىلىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى ئارزۇ قىلدى. بۇمۇ ھەم نۇرغۇن ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق 18-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تيەن خې يازلىق تەتىلنى باش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

  تيەن خې مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىلنىڭ باشلىرىدا: ئۆگىنىش جەھەتتە، بالىلارنى ئىلگىرى ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەرنى قايتا تەكرارلىتىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئېسىدە پۇختا ساقلىتىش كېرەك؛ تۇرمۇش جەھەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ رولىنى ھېس قىلدۇرۇشقا، ياكى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك مەشغۇلات ۋاقتىنى كۆزەتكۈزۈشكە بولىدۇ. يازلىق تەتىلنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە: ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئېلىپ ساياھەت قىلىپ، ئۇلارنى تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، دەرستىن سىرتقى بىلىملىرىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. يازلىق تەتىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە: بالىلار ئويناشنى توختىتىپ، كىتاب كۆرۈپ، كېلەر مەۋسۇملۇق يېڭى بىلىملەرنى ئالدىن ئۆگەنسە بولىدۇ.

  يەسلى پۈتكۈزۈپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغا كىرىدىغان بالىلارنىڭ ئادەتتە چۈشلۈك ئۇخلاش ئادىتى بار، تيەن مۇئەللىم يەنە مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: ئاتا-ئانىلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى تەڭشەشكە ياردەم قىلسا بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئوقۇتۇشقا يېتىشكىلى، دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قېلىش، روھسىزلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بالىلار نەنمېندىكى «شىنخۇا كىتابخانىسى» دا كىتاب ئوقۇماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى