تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشى كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلدى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: كۆكەرتىش، ئاساسىي قۇرۇلۇشقا يۇقىرى پەللە ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ سۇ ئىشلىتىش، قىسمەن سۇ ئۈزۈلۈپ قالغان رايونلارغا جىددىي سۇ ئاپىرىپ بېرىش، رېمونت ئىشچىلىرى 24 سائەت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش... ئۈرۈمچىنىڭ سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، «يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزىل سىزىقى» بېكىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

    مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇچىلىق گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر كۈنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاشقان. يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە سۇ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا سۇ ئىشلىتىشى ئەڭ ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، كۆكەرتىش، ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىقلارغا ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى ئۆتكۈزىۋېتىپ سۇ ئىشلىتىلىدىكەن.

   -سۇ بىلەن تەمىنلەش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كۆكەرتىش ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سۇ ئىشلىتىشتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، سان بەلگىلەش، يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ. سۇچىلىق ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش تارماقلىرىمۇ ئاساسىي قۇرۇلۇش، كۆكەرتىشكە سۇ ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا بولغان تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى،-دېدى ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوۋياڭ چاڭلېي،-نۆۋەتتە ھەر قايسى چوڭ سۇ زاۋۇتلىرى تولۇق يۈكلۈك يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، ھەر قايسى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىمۇ بېسىمنى داۋاملىق تەڭشەپ، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇمەن مۇقىم ئېلىپ مېڭىۋاتىدۇ.

   ئۆز نۆۋىتىدە، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى تۇرۇبا سۈيى ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇشنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، تۇرۇبا تورىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. جىددىي رېمونت مەركىزى رېمونت ئاپتوموبىلى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئالدىنئالا تەكشۈردى، جىددىي رېمونت خادىملىرى 24 سائەت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش كاشىلىسىنى ھەل قىلىشقا پۇختا تەييارلىق قىلدى.

   ناۋادا شەھەر ئاھالىسى سۇ ئىشلىتىشتە مەسىلىگە ئۇچرىسا سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ 24 سائەتلىك قىزىق لىنىيە تېلېفونى 2648888 گە تېلېفون بەرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى