تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2514 ئائىلىلىك كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئىگە بولدى

ماتېرىيال سۈرەت

   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 2514 كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلىك ئاشكارا نومۇر ئايلاندۇرۇش شەكلىدە كاپالەتلىك تۇرالغۇدا ئولتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى، ئۇلارنىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

   شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-جاي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 18-قېتىملىق كاپالەتلىك تۇرالغۇلىرىنى نومۇر ئايلاندۇرۇپ تەقسىملەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇسىدا ئولتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان تۆۋەن كىرىملىك 299 ئائىلىلىك، ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇسىدا ئولتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئوتتۇراھال ۋە تۆۋەن كىرىملىك 1398 ئائىلىلىك ۋە ئەرزان-قولايلىق ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان 817 ئائىلىلىك مۇراسىمغا قاتناشتى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-جاي باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇرالغۇ كاپالىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى نومۇر ئايلاندۇرۇشقا قاتنىشالايدۇ. 43 ئورۇندىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ مەنبەسى ئۇچۇرى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تاللىشىغا سۇنۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇسى 12 جايدا بولۇپ، «چۈنخې يىيۈەن»، «شەنشۈي يايۈەن»، «شۈييۈن كاڭجۈيۈەن» قاتارلىق مەھەللىلەردىن ئىبارەت، ئەرزان-قولايلىق ئۆي ئاساسلىقى 31 جايدىكى تاۋار ئۆي ئولتۇراق رايونلىرىغا جايلاشقان.

   ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇسىنى نومۇر ئايلاندۇرۇپ تەقسىملەش ئۇسۇلىدا ئادەم بىلەن ئۆينى ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، يەنى نومۇر ئايلاندۇرۇپ تەقسىملەش سىستېمىسى ئارقىلىق، ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇسى ئىلتىماس قىلغان ئائىلە بىلەن ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرى كومپيۇتېر ئېكرانىدا تەرتىپسىز ئايلىنىدۇ. ئايلاندۇرۇشنى توختاتقاندا، ئادەم بىلەن ئۆي مەنبەسى بىردىنبىر ماس كەلگەن مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، ئەرزان-قولايلىق ئۆينىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرى 2110 يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە ئىكەن. ئەرزان-قولايلىق ئۆينى تەقسىملەش ئورنىدا «بەشتىن بىرىنى تاللاش» ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىككى قېتىم تاللاش پۇرسىتى بولىدىكەن، يەنى 10 يۈرۈش ئۆيدىن بىرنى تاللايدىكەن.

   مەركىزىي شەھەردە بۇ يىل 5500 دىن ئارتۇق كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئائىلىسىگە ئۆي تەقسىملەپ بېرىلگەن بولۇپ، يىل ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئائىلىسىگە ئۆي تەقسىملەش پىلانلانغان. بۇ يىل نومۇر ئايلاندۇرۇپ تەقسىملەش قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، مۇشۇ يىل ئىچىدە ھەر ئايدا نومۇر ئايلاندۇرۇپ كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان. بۇنداق بولغاندا ھەر بىر كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلغان ئائىلە ئۈچۈن پۇرسەت باراۋەر، ئۆي تەقسىملەش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقا، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى