تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ قىسمەن مونوپۇل خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ھەققى تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات» تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئادەتتىكى سودا-سانائەت توك باھاسىنى ئوتتۇرىچە %10 تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى تەلەپنى جايىدا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئېلېكتىر تورى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش ھالقىسىدىن ئېلىنىدىغان ھەقلەرنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش » (قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى) نى يېقىندا ئېلان قىلىپ، ئورگانلارنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇردى.

   ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ قىسمەن مونوپۇل خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ھەققى تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى تەمىنلىگەن توك يەتكۈزۈش-تەقسىملەش ھەمدە ئالاقىدار مۇلازىمەت ھەققى توك يەتكۈزۈش-تەقسىملەش تەننەرخىگە كىرگۈزۈلىدۇ، توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى ئارقىلىق يىغىۋېلىنىپ، ئىستېمالچىلاردىن باشقىچە يول ئارقىلىق ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلەتكۈچىلەردىن ئالىدىغان توك ئۆزگەرتىش پونكىتى پاسىلى ھەققى، ئۆلچەش قۇرۇلمىلىرىنى تەكشۈرۈش ھەققى، ئېلېكتىر كۈچى يۈكىنى باشقۇرۇش تېرمىنال ئۈسكۈنە خىراجىتى ھەققى قاتارلىق ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ توك بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈلگەن توك كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ھەققى، توكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى، نام ئۆزگەرتىش ھەققى قاتارلىق ھەق ئېلىش تۈرلىرى ھەمدە مۇلازىمەت مەزمۇنىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا مونوپۇل خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى توك ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، توكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن شۇنداقلا ئېلېكتر تورى كارخانىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بولمىغان ئەھۋالدا، توك ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك ھەقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

   ۋاسىتىلىك تەمىنلىنىدىغان توك ھالقىسىدىكى نامۇۋاپىق باھا قوشۇش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. ۋاستىلىك تەمىنلىدىغان توك دېگىنىمىز ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى توك ئىشلەتكۈچىلەرنى توك بىلەن بىۋاستە تەمىنلەشكە ئامالسىز بولغانلىقتىن ئېلىپ بارىدىغان، باشقا سۇبيېكىتلار ئارقىلىق تەمىنلەش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر قىسمەن جايلاردىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، كەسىپلەر رايونى، ئۆي-زېمىن خوجىلىقى، خىزمەت بىناسى قاتارلىقلارنى ۋاسىتىلىك توك بىلەن تەمىنلەش ھالقىلىرىدا نامۇۋاپىق باھا قوشۇش ئەھۋالى مەۋجۈت، دۆلەتنىڭ كۆپ قېتىم ئادەتتىكى سودا-سانائەت توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى.

   «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىر ئائىلىدە بىردىن توك سائىتى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان توك ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى، بىۋاستە توك بىلەن تەمىنلەشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە مۇندەرىجىلىك توك سېتىش باھاسى بويىچە راسچوت قىلىشى كېرەك. بىۋاستە توك بىلەن تەمىنلەش شەرتىنى ھازىرلىماي، توك بىلەن ۋاسىتىلىك تەمىنلىدىغان توك سۇبيېكىتلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى باھانى تۆۋەنلىتىش سىياسەت تەدبىرىنىڭ ھەممىسىنى توك ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى بىرلىكتە قوللىنىپ، ۋاسىتىلىك تەمىنلىنىدىغان توك ھالقىلىرىدىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان باشقا ھەقلەرنى ئېنىقلاپ قېىپلاشتۇرىدۇ، ۋاسىتىلىك تەمىنلىنىدىغان توك سۇبيېكىتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ باھا قوشۇش، دۆلەتنىڭ توك باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق ھەرىكىتى تۈزىتىلىدۇ.  

   دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جايلاردىكى ھەر قايسى تارماقلاردىن يولغا قويۇلغان ئېلېكتىر تورى ھەققىنى ئېنىقلاش سىياسىتىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بىرىنچى، توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق توك ئۇلاش ھەققىنى تېزدىن قايتۇرۇش. ئۆلكە دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن توك ئىشلەتكۈچىلەردىن ئالغان ۋاقىتلىق توك ئۇلاش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىسچوتنى ئۆچۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن پۇلنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى بېكىتىلگەنلىرى، ئېلېكتر تورى كارخانىلىرى تىجارەت تور نۇقتىلىرى، يەرلىك ئاساسلىق تاراتقۇلاردا قانۇن بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەر ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك، ھەقدارلىقنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يەتكۈزۈش، توك تەقسىملەش  ئىجازەت قىلىنغان كىرىمى كېمەيتىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، قالدۇق گاز زاپاس ئېلېكتىر ئىستانسىسى سىياسەت خاراكتېرلىك گىرەلەشمە ياردەم پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشى ۋە سىستېما زاپىسى ھەققى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆز رايونىدىكى تۇتاشتۇرۇلغان زاپاس ئېلېكتىر ئىستانىسىسى تىزىملىكى (قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، قالدۇق گاز زاپاس ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە باشقا ئىككى تۈر)، سىستېما زاپىسى ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ھەمدە قوشۇمچە يىغىش-تاپشۇرۇش تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئۆلكە دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى تېخى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى