تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    قانچە كۈندە بىر قېتىم چاچ يۇيۇشنىڭ بەلگىلىك ئۆلچىمى يوق. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئادىتىگە ماس كەلسە، راھەت، ساغلام ھېس قىلسىلا چاچنى يۇيۇش قېتىم سانى بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئىلمىي ھەم ساغلام بولغان چاچ يۇيۇش قېتىم سانى، چاچ سۈپىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە پەسىلگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
    مايلىق چاچ
    مايلىق چاچنىڭ تېرە مېيى ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، يازدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا يۇيمىسا، تەر تۆشۈكچىلەر توسۇلۇپ قالىدۇ، ئادەمنىڭ ئوبرازىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، مايلىق چاچنى كۈندە بىر قېتىم يۇيسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا كۈندە چاچ يۇيغاندا چاچنىڭ تېخىمۇ مايلىشىپ كېتىدىغان ۋە چۈشىدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. ئەكسىچە، نەچچە كۈنگىچە يۇيمىغاندا چاچ تېخىمۇ كۆپ چۈشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    كۈز ۋە قىش پەسلىدە، ئەگەر چېچى مايلىق كىشىلەر بەك تەرلەپ كەتمىسىلا، ئىككى كۈندە بىر قېتىم چېچىنى يۇيسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چېچى مايلىق كىشىلەر مۆتىدىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشى كېرەك، ئەگەر چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشقارلىقى بەك كۈچلۈك بولسا، چاچنى يۇيغاندا راھەت ھېس قىلغان بىلەن باش تېرىسىنى غىدىقلايدۇ. ئۇزۇن مەزگىلگە نىسبەتەنمۇ، چاچنىڭ ئاسان مايلىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.
    قۇرغاق چاچ
    چېچى قۇرغاقلارغا نىسبەتەن، چاچ مايلىشىش ۋە چاچ چۈشۈش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى ئەمەس. ئەكسىچە تېرە مېيىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئاز بولغانلىقتىن، چاچ قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش، كىپەكلىشىش مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى چېچى قۇرغاقلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، چېچى قۇرغاقلار چاچ يۇيۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئازلىتىشى كېرەك. چېچى قۇرغاق كىشىلەر پەسىل ئايرىماستىن ئۈچ كۈندە بىر قېتىم چاچ يۇيسا بولىدۇ.
    ئەلۋەتتە، چېچىم قۇرغاق دەپ بىر ھەپتىگىچە چاچ يۇيماي يۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر چېچىڭىزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى خالىمىسڭىز، ھېچ بولمىغاندا ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ تۇرۇڭ.
    مۆتىدىل چاچ
    بارلىق چاچلارنىڭ ئىچىدە، مايلىقمۇ، قۇرغاقمۇ بولمىغان چاچ ئەڭ ياخشى. چۈنكى يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇش ھاجەتسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى