تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارغا يۇقىرى ئاۋازدا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ

ماتېرىيال سۈرەت

    كومپيۇتېر ۋە يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توردىن ھەر خىل قىزىقارلىق مەزمۇنلارنى كۆرىدىغان بولدى، قەغەز كىتابلارنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى. ئاتا-ئانىلارمۇ بۇرۇنقىدەك بالىلىرىغا كىتاب ئوقۇپ، ھېكايە سۆزلەپ بەرمەيدىغان بولدى. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى «ئەرلەر خاراكتېرىنى يېتىشتۈرۈش تورى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە دېيىلىشىچە، بالىلارغا دائىم يۇقىرى ئاۋازدا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ ئۇلارنىڭ پىسخىكا ۋە ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ناھايىتى پايدىسى بولىدىكەن.

  بىرىنچى، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى قوزغىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار ھېكايە ئېيتىپ بەرگەندە بالىلار سۆزلۈك ۋە جۈملىلەرنى چۈشىنىشكە مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ، ھېكايىنىڭ تەرەققىيات يىپ ئۈچى ۋە باش تېما جەريانىغا ئەگىشىپ، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىمۇ ئاشىدۇ. باشقا شەكىللەرگە سېلىشتۇرغاندا، كىتابنى جانلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەندە بالىلار تېخىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ، ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدۇ. بۇ، بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەتتاكى قورامىغا يەتكەن چاغلىرىدىمۇ ئۇلارغا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئىككىنچى، تىل ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشى ئۇلارغا سۆزلۈك ئامبىرى قۇرۇپ بەرگەنلىكىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن سۆز ۋە جۈملىلەر بار. بالىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى گەپ قىلىش، ماقالە يېزىش ۋە كىشىلىك ئالاقىسىدە ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سۆز قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئەخلاق قارىشىنى تۇرغۇزىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان بىلەن، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بالىلارغا كىتابنى ئوقۇپ بېرىشمۇ ئوخشاش، كىتابتىكى ئىجابىي قەھرىمانلار ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇلار كىتاب ئارقىلىق بۇ قەھرىمانلارنىڭ باتۇرلۇقىنى ئۆگىنىدۇ، ئاق كۆڭۈل پەزىلىتىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  تۆتىنچى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى ھەممىسنى بەلگىلىمەيدۇ، ئەمما بالىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىلىرى دائىم كىتاب ئوقۇپ بېرىدىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولىدىكەن.

  بەشىنچى، بالىلاردا ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرىدۇ. كىتاب ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ ھېسداشلىق تۇيغۇسى قوزغىلىدۇ، بالىلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق. بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە ئۇلار تەبىئىي ھالدا كىتابتىكى كىشىلەر تارتقان ئازابنى ھېس قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى ھەرىكىتىدە ئاق كۆڭۈل بولۇشنى ئويلايدۇ، مەسىلەن: ياخشى ھېكايىلەرنى كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئالتىنچى، كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرىدۇ. ياخشى بىر كىتاب بالىلارغا خۇشاللىق، ئەقىل-پاراسەت ئېلىپ كېلىش بىلەن تەڭ، يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن رىقابەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، كىتاب بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى بولالايدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلىق مەزگىلىدە كىتاب بىلەن ئۇچراشقان بالىلار چوڭ بولغاندىمۇ كىتابنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تېخىمۇ يۇقىرى، بىلىم دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى