تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى كۇتۇپخانىسى يىل ‏ئاخىرىدا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى مۇخبىرى ما بېي، ئىختىيارىي مۇخبىرى دۇ دۇڭلىڭ خەۋىرى. تۇنجى تۈركۈمدە 50 مىڭ كىتاب ساقلانغان، كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى كۇتۇپخانىسى يىل ئاخىرىدا شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى كۇتۇپخانىسىدىكى بالىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىك رايونىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى

  شىنجاڭ «تەيشىن» قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىدىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى كۇتۇپخانىسى تۈرىنىڭ تېخنىك مەسئۇلى ياۋ شەنكۈن تونۇشتۇرۇپ: ھازىر كۇتۇپخانىنىڭ توك، تورۇس، يەر يۈزىنى بېزەش قاتارلىق ئۆي ئىچى بېزەكچىلىكى تاماملاندى، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېزەكچىلىك ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش مۆلچەرلەندى، دېدى.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى كۇتۇپخانىسى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە جايلاشتى، كۇتۇپخانا ئىچىگە كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش رايونى، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش رايونى، گېزىت-ژۇرنال ئوقۇش رايونى، بالىلار پائالىيەت رايونى، كۆرۈش توسالغۇسى بار بارلارنىڭ كىتاب ئوقۇش رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان، ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ۋە رەقەملەشكەن قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن، ئارىيەت ئېلىپ كۆرۈش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ھەر خىل كىشىلەر توپىنىڭ كىتاب ئوقۇش، ماتېرىيال ئىزدەش، مەخسۇس تېما تەتقىقاتى قاتارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. كۇتۇپخانىغا جەمئىي 400 مىڭ كىتاب ساقلاش مۆلچەرلەندى.

ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى كۇتۇپخانىسىدىكى سەنئەت-مەدەنىيەت كارىدورىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى

  مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىش سىستېمىسى بولۇپ، يېڭى كۇتۇپخانىغا مۇلازىمەتسىز ئارىيەت ئېلىش ۋە قايتۇرۇش سىستېمىسى، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئارىيەت ئېلىش ماشىنىسى، كىتاب كاتالوگى ئىزدەش تېرمىنالى قاتارلىق ئىلغار ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 24 سائەت مۇلازىمەتسىز كىتاب ئارىيەت ئېلىش، كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر ۋە بالىلارنىڭ مەخسۇس كىتاب ئوقۇش رايونلىرى كۇتۇپخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالىدۇ.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى 2017-يىلى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 47 مىڭ 777 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىچىدە ئويۇن قويۇش زالى، ئۇسسۇل ئويناش، خور ئېيتىش زالى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى