مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى خەۋىرى: «شىنجاڭدا راستىنلا ‹ئەتىگەندە پاختىلىق كىيىم، چۈشلۈكى شايى كۆڭلەك› كىيىدىكەنمىز، كېچىسى ئۇخلىغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچمىساقمۇ بولىدىكەن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ تومۇز ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان ياخشى جاي ئىكەن.» شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچى سۈي رۈيتاڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى خۇشال ھالدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.
ئۇدا تومۇز ئىسسىق بولۇۋاتقان ياز پەسلىدە، شىنجاڭغا كېلىپ ئىسسىقتىن دالدىلىنىش، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.
ياز پەسلىدىكى شىنجاڭ تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى ۋە تومۇز ئىسسقتىن دالدىلىنىشتىكى ساياھەت بايلىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ يازلىق ساياھىتىنى باشقىچە جانلاندۇردى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نارات دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى... يازدىكى تومۇز ئىسسىقنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن يايلاق سۇلۇق يەر باغچىلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەنزىرىگاھىغا ئايلاندى.
يېقىندا، ماناس ناھىيەسىدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى قۇشلارنى تاماشا قىلىش ۋە تومۇز ئىسسىقتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۇلۇق يەر باغچىسى ھەر كۈنى 5000غا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن.
شىخۇدىكى فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى دەيفۇسېڭ مەنزىرە رايونى. (جاڭ جۈنخاۋ فوتوسى)
شىخۇدىكى فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى دەيفۇسېڭ مەنزىرە رايونى. (ماتېرىيال سۈرەت)
شىخۇدىكى فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى دەيفۇسېڭ مەنزىرە رايونى. (جاڭ جۈنخاۋ فوتوسى)