تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

بايىنبۇلاق يايلىقىدا سالما تاشلاش ماھارىتى كۆرسىتىلدى

  7-ئاينىڭ 10-كۈنى، بايىنبۇلاق يايلىقى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا شۇ جايدىكى موڭغۇل چەۋەنداز پەقەت بىر تاللا سالما بىلەن ئاتنى بويسۇندۇرماقتا.

  ئۆز خەۋىرىمىز: 2018-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى «چۈشتىكى يايلاق، ئارغىماقلار جەمگاھى، ئاققۇ يۇرتى» دېگەن چىرايلىق نامى بار بايىنبۇلاق يايلىقىدا شۇ جايدىكى موڭغۇل چەۋەنداز 2018-يىللىق «دالا سەپىرى. مايتاغ-كۇچا ئارىسىدا شۇنداق بىر يول بار» مىليون كىشى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان ئېسىل سالما تاشلاش ماھارىتى كۆرسەتتى. موڭغۇل چەۋەندازلار ئات ئۈستىدە پەقەت بىر تال سالما بىلەنلا يىراقتا ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتنى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بويسۇندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تاڭ قالدۇردى.

  سالما تاشلاش موڭغۇل چارۋىچىلار مال باققىلى چىققاندا ئاتلارنى تۇتۇپ كېلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇللارنىڭ بىر تۈرلۈك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى