تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېلىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

مەملىكەتلىك بېلىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك بېلىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 7–ئاينىڭ 11–كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يېزا ئىگىلىكى–يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ كاڭجېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

   يىغىندا پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەملىكەتلىك بېلىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەھۋالى خۇلاسىلەندى، پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، مەملىكەتلىك بېلىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى نامايان قىلىندى، بېلىقچىلىق ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مەملىكەتلىك بېلىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بېلىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سىياسەت بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھەقىقىي قوزغاپ، نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش ئاساسىنى زور كۈچ بىلەن پۇختىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ۋە شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا، گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى