تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ماتېرىيال سۈرەت

    ھەممە ئادەم قاپقارا چېچىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، چاچ زىيادە بالدۇر ئاقىرىپ كەتسە ئادەمگە باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ. چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىرسىيەت، زىيادە چارچاش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە روھىي جەھەتتىن غىدىقلاشقا ئۇچراشتەك ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭيى تېبابىتىدە قارىلىشىچە، قان ئازلىقتىن بۆرەك زەئىپلىشىشمۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن.

  تۆۋەندە كۆپچىلىككە بىر رېتسېپ تەۋسىيە قىلىمىز. ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 500 گىرام، قارا كۈنجۈتتىن 500 گىرام، شۇۋۇ يىلتىزىدىن 200 گىرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز، ئالدى بىلەن ئۈجمە يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئېزىپ تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن قارا كۈنجۈت ۋە شۇۋۇ يىلتىزىنىمۇ ئېزىمىز ياكى ئۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ تالقان قىلىپ، قۇرۇق قاچىغا سېلىپ ساقلايمىز. كۈندە 10 گىرام ئەتراپىدا ئېلىپ، ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، ئىلمان قايناقسۇغا چېلىپ ئىچسەك بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  يۇقىرىقى رېتسېپتىكى ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ تەمى ئاچچىق ئارىلاش تاتلىق بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىقنى باسىدۇ، ئۆپكىنى تازىلاپ، سېلىقلاشتۇرىدۇ، جىگەرنى تىنچلاندۇرۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، قاننى سوۋۇتۇپ، قان توختىتىدۇ. ھازىرقى زامان فارماكولوگىيە تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈجمە يوپۇرمىقىدا مىس ماددىسى مول بولۇپ، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدىكەن. قارا كۈنجۈتنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان تولۇقلاپ، چاچنى قارايتىش رولى بار. «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا قارا كۈنجۈتنى 100 كۈن ئىستېمال قىلغاندا بارلىق ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى  بولىدۇ، قارا كۈنجۈت بىر يىل ئىستېمال قىلغاندا تېرە پارقىراپ قورساق ئاسان ئاچمايدۇ، ئىككى يىل ئىستېمال قىلغاندا ئاق چاچ قارىيىدۇ، ئۈچ يىل ئىستېمال قىلغاندا چۈشۈپ كەتكەن چاش قايتا چىقىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قارا كۈنجۈت تەركىبىدە چاچنىڭ ئۆسۈشىگە كېرەكلىك بولغان زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى، گۈڭگۈرتلۈك ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل مىكرو مىقدارلىق مىنېرال ماددىلار بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاقسىل، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە كالتسىي قاتارلىقلارنىڭ چاچ ئاسراش، قۇۋۋەتلەش، چاچ چۈشۈش ۋە چاچ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدىكەن. شۇۋۇ يىلتىزىنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، قان قۇۋۋەتلەيدۇ، چاچنى قارايتىپ، چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىشنى داۋالايدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇۋۇ يىلتىزى چاچ قارا پىگمېنتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ھەسەلنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ھەم دورىنى تەڭشەش رولى بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاندا، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئىسسىقنى ھەيدەپ، قاننى سوۋۇتۇپ ھەم قۇۋۋەتلەپ، چاچنى ئاقارتىشقا بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

  يۇقىرىقى رېتسېپ ئۈچەينى سېلىقلاپ، ئىچ سۈردۈرىدىغان بولغاچقا، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەيپىياتىنى خۇشال تۇتۇش، تەشۋىشلىنىش، قايغۇرۇش ۋە ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى، خەيدەي، ھايۋانات جىگىرى، مور قاتارلىق مىس، تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك، بۇنىڭدىن سىرت، دائىم باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ، پات-پات چاچ تاراپ بەرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى