تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

باغراشتا نېلۇپەر ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: نېلۇپەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىدىغان ۋاقتى يەنە يېتىپ كەلدى. 6 – ئاي كىرگەندىن بۇيان، باغراش ناھىيەسىنىڭ ‹‹خېشياڭ بيېيۈەن›› مەنزىرە رايونىدىكى 380 مو كۆلەمدىكى 1 مىليون تۈپ نېلۇپەر بەس – بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، 7 – ئايدا ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

   7– ئاينىڭ 8 – كۈنى، ‹‹خېشياڭ بيېيۈەن›› مەنزىرە رايونىدىكى نېلۇپەر گۈلى تاماشا باغچىسىدا نېلۇپەر گۈلىنىڭ بىر – بىرىدىن ھۆسن تالىشىپ، بەس – بەستە ئېچىلغانلىقىنى، ‹‹سۈزۈك سۇدا ئاستا لەيلەر يېشىل يوپۇرماق، كۆزنى چاقار ئوتقاش كەبى قىزىل نېلۇپەر››دەك گۈزەل ياز مەنزىرىسىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى كۆردۈم. گۈزەل نېلۇپەر بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەيىن شامالدا تارىغان گۈلنىڭ خۇش ھىدى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىۋالغانىدى.

   خاربىندىن كەلگەن ساياھەتچى خې يىڭجيې خوتۇنى ۋە قىزى بىلەن بىللە نېلۇپەر كۆلى بويىدا نۇرغۇن سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىم يازلىق تەتىلگە چىقتى، بىز كورلىغا تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەنىدۇق، باغراش كۆلىگە مەخسۇس ئوينىغىلى كەلدۇق، بۇ يەردە بۇنداق چىرايلىق نېلۇپەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز، رەڭگىمۇ، سورتىمۇ كۆپ ئىكەن، تارتقان سۈرەتلىرىمىز شۇنداق چىرايلىق چىقىپتۇ، خوتۇنۇم بىلەن قىزىم چۈشتىن بۇرۇن سۈرەتكە چۈشۈپ قانمىغاچقا، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ھەرخىل رەڭلىك شارپىلارنى سېتىۋېلىپ، سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن يەنە بۇ يەرگە كەلدۇق.

   باغراش ناھىيەسىدىكى ‹‹خېشياڭ بيېيۈەن›› مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى لىن شيەنشۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل نېلۇپەر تاماشا باغچىسىدە ئەسلىدە بار بولغان شياڭليەن، تەيكۇڭليەن، داساجىن، شيەننۈسەنخۇا، سەييۈنفېيدۇ قاتارلىق سورتلار ئاساسىدا يەنە يېڭى سورتلارنى كۆپەيتتۇق، نېلۇپەر ئۆستۈرۈلگەن كۆلەمنىمۇ ئەسلىدىكى 180 مودىن 380 موغا كېڭەيتتۇق. بۇ يىل بىز يەنە جياڭسۇ ۋە ۋۇخەندىن ئون نەچچە خىل سورت كىرگۈزۈپ، نېلۇپەر سورتىنى كۆپەيتتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە يوپۇرمىقىنىڭ قېلىنلىقىدىن بىر چوڭ ئادەمنى كۆتۈرەلەيدىغان كۆك رەڭلىك باۋاڭليەن سورتىمۇ بار، يەنە ھىندىستاننىڭ ھۇزۇرلىنىشچانلىقى تولىمۇ كۈچلۈك لەنيەنجىڭ سورتىمۇ بار.

   لىن شيەنشۈ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە 240 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان نېلۇپەر كۆرگەزمە زالى قۇردۇق، ھازىر جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمىز. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە نېلۇپەرنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە نېلۇپەرنى چۈشىنەلەيدۇ، نېلۇپەر چىنىسى، نېلۇپەر ئۇرۇقى، نېلۇپەر يوپۇرمىقى چېيى سېتىۋالالىغاندىن سىرت، نېلۇپەرگە ئائىت مەدەنىيەتنى ئۆگىنەلەيدۇ.

   ئىگىلىشىمچە، نېلۇپەرنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى 6 – ئايدا باشلىنىپ 10 – ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. نېلۇپەر كۆلىدە ياغاچ ئاسما يول بولۇپ، ساياھەتچىلەر نېلۇپەرنى يېقىن ئارىلىقتا تاماشا قىلالايدىكەن ۋە سۈرەتكە تارتالايدىكەن. شۇنداقلا بۇ يەردە سۇ ئۈستى ئويۇن – تاماشا تۈرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر سۇ ئوينىيالايدىكەن، قېيىق ھەيدەپ نېلۇپەر چىنىسى ئۈزەلەيدىكەن، يېڭى نېلۇپەر يىلتىزىغا ئېغىز تېگەلەيدىكەن ۋە ئۆز قولى بىلەن نېلۇپەر يىلتىزى زىياپىتى تەييارلىيالايدىكەن.

   ‹‹بىر مو نېلۇپەر كۆلچىكى 10 مىڭ سەر ئالتۇنغا يارايدۇ››. نېلۇپەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش قىممىتى، نېلۇپەر يىلتىزىنىڭ ئىستېمال قىممىتى، نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورىلىق قىممىتى بار بولۇپ، نىلۇپەر كۆلىنى يەنە ئىستېرېئولۇق باقمىچىلىققا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لىن شيەنشۈ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان مەھسۇلاتىمىزدىن نېلۇپەر گۈلى، نېلۇپەر چېيى، نېلۇپەر يىلتىزى، نېلۇپەر ئۇرۇقى بار، ھەتتا نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىن ئالاھىدە پۇراقلىق نېلۇپەر يوپۇرمىقى تۈرمىلى ئەتكىلى بولىدۇ، بىر مو نېلۇپەرنىڭ پايدىسى 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا بۇ كەسىپ سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپكە ئايلاندى. كېيىنكى قەدەمدە، يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، مەنزىرە رايونىنى يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلىنىش، تېرىقچىلىقنى ھېس قىلىش، سەھرا ئىستىراھىتى قاتارلىق ئىقتىدارلار بىرلەشتۈرۈلگەن نېلۇپەر سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى