تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

تويلى كەنتىدىكى ئاچا ـ سىڭىللىق مۇھەببەت

 شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى يەن پىڭ، ليۇ لىن

   6– ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا شەھىرىنىڭ ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى تويلى كەنتىدىكى قازاق كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل يۈمەخسۇت موڭغۇل ئاچىسى ۋۇ يىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ بولۇپلا، ساڭزا ۋە مېۋە تەييارلاشقا باشلىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ بۇ يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ، بورتالا شەھىرى شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا بېرىپ، بۇ جايدا كۈتۈنۈۋاتقان ئاچىسى ۋۇ يىڭنى يوقلىماقچى ئىدى.

   ۋۇ يىڭ 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرىغا نەرسە سېتىۋالغىلى بارغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، سول پۇتىنىڭ ئوشۇق سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەنىدى. نۇرگۈل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، ئاچىسىنىڭ ھالىدىن ئون نەچچە كېچە – كۈندۈز خەۋەر ئالدى. ئۇيقۇسى كەلگەندە كېسەل كارىۋىتىغا بېشىنى قويۇپ بىر دەم مۈگدىۋېلىپ، ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ، چارچىسىمۇ زارلىمىدى.

   ۋۇ يىڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، تويلى كەنتىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كۈتۈنۈشكە توغرا كەلدى، ئېرى بىلەن بالىلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، ئۇ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالاتتى. شۇڭا نۇرگۈل ۋۇ يىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، كۆكتاتلىقىنى پەرۋىش قىلىپ، ماللىرىنى باقتى.

   ۋۇ يىڭ بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن بولۇپ، نۇرگۈلدىن بىر ياش چوڭ ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى موڭغۇل، بىرى قازاق بولسىمۇ، تونۇشۇپ يېقىن ئۆتۈۋاتقىنىغا 27 يىل بولغانىدى، قايسىسىنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە بىر – بىرىگە ياردەم قىلاتتى، ئۇلار ئەزەلدىن ئاچا – سىڭىللاردەك ئىناق – ئېجىل ئۆتەتتى.

   1989– يىلى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، 24 ياشلىق موڭغۇل قىز ۋۇ يىڭ بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرىدىن تويلى كەنتىگە كېلىن بولۇپ كەلدى، ئۈچ يىلدىن كېيىن نۇرگۈلمۇ بۇ كەنتكە كېلىن بولۇپ كەلدى. ۋۇ يىڭنىڭ مىجەزى ئوچۇق – يورۇق بولۇپ، كەنتتىكى مەدەنىيەت – سەنئەت ھەۋەسكارى ئىدى. نۇرگۈل ئىچ مىجەز بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيتتى، ئۇ ئۆيىدە قانداقلا ئىش بولسا، قانداقلا ئويى بولسا، ھەمىشە ئاچىسى ۋۇ يىڭنى ئىزدەپ مەسلىھەتلىشەتتى.

   ۋۇ يىڭنىڭ ئېرى بورتالا شەھىرى شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغاچقا، ئۆيىگە يىلدا ئاران بىر قېتىملا قايتالايتتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ۋۇ يىڭ ئېتىز ئىشىنى قىلغاندىن سىرت، يەنە ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، يېتىشىپ بولالمىغان چاغلىرىدا، بالىلىرىنى نۇرگۈلنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلاتتى. شۇ چاغلاردا نۇرگۈل كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى، ئۇ ۋۇ يىڭنىڭ بۇ ئىككى بالىسىنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ ياتاق – تامىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەم ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى.

   2001– يىلى 9 – ئايدا، نۇرگۈلنىڭ 3 – بالىسى تۇغۇلغاندا،  ۋۇ يىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، تاماق ئېتىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، بالىغا قاراپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ئالدىراش بولدى.

   نۇرگۈلنىڭ ئىككى قىزى، بىر ئوغلى بار، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، ۋۇ يىڭ خۇددى ئۆز ئانىسىدەكلا يېقىملىق ئىدى. ئادەتتە بالىلار بىرەر ئوي – خىيالى بولسىلا، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتى، ۋۇ يىڭ ئانىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ كۆڭلى شۇئان يورۇپ كېتەتتى. 2013 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا، نۇرگۈلنىڭ ئۈچ بالىسى كەينى – كەينىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. ئانىلىق كۆڭلىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋۇ يىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدا بالىلارغا 3000 يۈەندىن كۆپرەك ئوقۇش پۇلى ياردەم قىلدى.

   2016– يىلى 10 – ئايدا، ۋۇ يىڭنىڭ 90 ياشتىن ئاشقان ئانىسى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا داۋالاندى. ۋۇ يىڭ ئۆزى يالغۇز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالماي تىت – تىت بولۇپ يىغلاپ تاشلىدى. بۇ دەل كۈزلۈك يىغىم ۋاقتى بولغاچقا، نۇرگۈل ھەم كۆممىقوناق يىغىش، ھەم قوتاندىكى قوي  – كالىلىرىنى بېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆيىدىكى ئىشلارنى ئېرىغا تاپشۇرۇپ، شۇ ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ، ۋۇ يىڭنىڭ ئاپىسىنى خۇددى ئۆز ئاپىسىدەك كۆرۈپ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دوختۇرخانىدىن چىققانغا قەدەر كۈتتى.  

   ۋۇ يىڭ يارىلىنىپ ئۆيىدە بىر ئاي ئارام ئالغاندا، نۇرگۈل ئاچىسى ۋۇ يىڭنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى. بىر ئايدىن كېيىن، ۋۇ يىڭنىڭ ئېرى شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، خوتۇنىنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا ئاپىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولدى. ئايرىلىدىغان چاغدا، ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىشقا پەقەتلا كۆزى قىيمىدى، ۋۇ يىڭ كۆزىگە ياش ئالغىنىچە، نۇرگۈلنىڭ بىر ئايدىن بۇيان ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. نۇرگۈل ئاچىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇ يەرگە بېرىپ ياخشى كۈتۈنۈڭ، بىر مەزگىلدىن كېيىن سىزنى كۆرگىلى بارىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى