7-ئاينىڭ 11-كۈنى، گۈيجوۋ ئۆلكىسى دافاڭ ناھىيەسى خۇاڭنىتاڭ بازىرى ۋۇشى ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى يازلىق باغچىسىدا بالىلار سۇ ئويناپ سالقىندىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۈيجوۋ ئۆلكىسى دافاڭ ناھىيەسى خۇاڭنىتاڭ بازىرى يەرلىك سۇ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يەر ئوبوروتى شەكلى ئارقىلىق، بېيىش باشلامچىلىرى ۋە نامرات ئائىلىلىلەر بىرلىكتە پاي قوشۇش ئارقىلىق، ۋۇشى ئىكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى يازلىق باغچىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، يۈزدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن بايلىق جانلىنىپ، يېزا-كەنت گۈزەللەشتى، يەرلىك ئامما بېيىدى.