تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەقەملىك ئىقتىساد شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى

بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى %15كە يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈرئىتىنىڭ %15.2 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

   مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يان تېلېفون خەرىتىسىنى ئاچسىڭىز، شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرىتىنى كۆرەلەيسىز. بۇ ساياھەت نۇقتىلىرىغا كەلگەن ۋاقتىڭىزدا، يان تېلېفونىڭىزغا ساياھەت يېتەكچىسى مۇلازىمىتى، ئەتراپتىكى ئېسىل تائاملار، مېھمانخانا، مېھمانساراي قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئۇچۇرلار كېلىدۇ، بۇلار يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەت يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئەمەلىي ئۈلگە تۈرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ رېئاللىققا ئايلانغۇسى.

   ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5A، 4A دەرىجىلىك 84 مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەر سانى، نەق مەيداندا باشقۇرۇش، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق ساياھەت ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى بۇ سۇپىغا ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. سۇپا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل شىنجاڭ ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش – باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پەن – تېخنىكا ئۇچۇر باشقارمىسىدىن ليۇ چۈەن مۇنداق دېدى: سۇپىنىڭ كەلگۈسى پىلانىغا ئاساسەن، بۇ سۇپا ساياھەت سانلىق مەلۇماتىنى كۆپلەپ توپلاش ئارقىلىق شەھەر ساياھىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل چوڭ مېڭىگە ئايلىنىشىغا تىرەك بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئەقلىي ساياھەت، بىخەتەر ساياھەت، جىددىي ئەھۋالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىقلاردا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىپ، سانائەت ئالاقە تورىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. ھازىر، رەقەملىك ئىقتىساد شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

   بۇلتۇر 6 – ئايدا، شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى ئەقلىي چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى چىڭگېداخۇ يېزىسىدا تورغا چىقىرىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ ئۇچۇرى ئۇدۇللاشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، تەبىئىي ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ بازار ئۆزگىرىشى ۋە خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى. ھازىر، بۇ سۇپا جەمئىي 2 مىليونغا يېقىن دېھقان(قېتىم)غا مۇلازىمەت قىلدى.
 
   ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشقا تايىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەسىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كارخانىلىرىنى توپلاپ ۋە ئۇلارنىڭ ماكانلىشىشى، زورىيىشىنى قوللاپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ قوللىنىلىشى ۋە ئۇنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش چوڭ دولقۇنىدا يېڭى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمىتىنى ئاساس، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، ئالاقە مۇلازىمىتىنى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق بىرىكتۈرۈپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

   ھېسابلىنىشىچە، 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى تەخمىنەن 250 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %22.9 بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15 تېزلەشكەن، بۇ GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 7.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15.2كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ قاتارىغا ئۆتكەن.

   يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگو تېلېگرافى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى شىنجاڭ ئۇچۇر كەسىپلىرى رايونىغا ئارقا – ئارقىدىن ماكانلىشىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تېلېگرافى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۈلگە بازىسىلا 22 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئاپپارات ئۆيى سېلىپ، 30 مىڭ دانە فىزىكىلىق مۇلازىمېتىرنى سەپلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

   قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر رايونىغا شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سانلىق مەلۇمات مەركىزى، جۇڭگو نېفىتى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇچۇرلاشتۇرۇش كارخانىلىرى ماكانلىشىپ، قۇدرەتلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات توپىنى شەكىللەندۈردى.

   ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ 13 – بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ نېفىت – خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى، پولات – تۆمۈر، يېڭى ئېنېرگىيە، رەڭلىك مېتال، توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، گۈللەنمە كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرىدۇ.

   خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز رايون ئىچىدىكى ئۇچۇر – خەۋەرلىشىش تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ بىرىكىپ قوللىنىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى