تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەركىزى شىنجاڭغا ماكانلاشتى

    مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى مەشىق مەركىزى 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېھمان كۈتۈش يولىدىكى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى تەربىيەلەش بۆلۈمى قورۇسىدا رەسمىي قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ مەشىق مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچى، مۇلازىم، ئايروپىلان ساقچىسى ۋە بىخەتەرلىك خادىمىنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ ھايات قېلىش، ئايروپىلاندا بىخەتەرلىك قوغداش، يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ تەقلىدىي مەشغۇلات مەشىقى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەشىقلەندۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

   جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ تەربىيەلەش بازىسىنىڭ بىرى بولغان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى تەربىيەلەش بۆلۈمى ئىزچىل جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى تەربىيەلەش مەركىزى بولۇپ، ئاساسلىقى مۇلازىمەت تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلەش، ئايروپىلاندا بىخەتەرلىك قوغداش جەھەتتىكى كۈندىلىك مەشىقلەندۈرۈش ۋە قەرەللىك قايتا مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى 71 مىڭ قېتىم يولۇچى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، توشۇلغان يولۇچى 7 مىليون(قېتىم)دىن، ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى 2000 دىن ئاشقان، ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتە خېلى چوڭ يوچۇق ساقلانغان.

   ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى مەشىق مەركىزىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ 502.96 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەمەلىي مەشغۇلات مەشىق بىناسى ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش سارىيىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، 737 تىپلىق ئايروپىلاندىن چېكىنىش ھەرىكەتچان بۆلمىسى، 737 تىپلىق ئايروپىلاندىن سۇ ئۈستىدە چېكىنىش ھەرىكەتچان بۆلمىسى، A320 تىپلىق ئايروپىلان بۆلمە ئىشىكى مەشىق ئەسۋابى قاتارلىق مۇلازىمەت مەشىقى ۋە بىخەتەرلىك قوغداش مەشىقى مەخسۇس ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن.

   مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتتۈرۈلۈپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تولۇق پۈتتۈرۈلىدىكەن. مەشىق مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى 800 دىن 1000 غىچە يېڭى مۇلازىم، ئايروپىلان بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسىنى كەسپىي مەشىقلەندۈرۈش ئېھتىياجى، غەربىي شىمال رايونىدىكى 3000 ئايروپىلان خىزمەتچىسىنى قايتا مەشىقلەندۈرۈش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن، پۈتۈن بىر يىلدا 20 مىڭ سائەتلىك تۈرلۈك ئەمەلىي مەشىق ۋە قايتا مەشىق كەسپى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بازىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلۇپ، ئايروپىلاندىكى مۇلازىمەت ۋە بىخەتەرلىك قوغداش ئاساسى مۇستەھكەملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى